نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > ساغلاملىق > خانىم- قىزلار > ماتىريال مەزمۇنى
ئاق خۇن كېسەللىكى
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/02/08 مەنبە: ئاۋاتلىقى:

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇنىڭ ھەرخىل يۇقۇملىنىشلىرى، شۇنداقلا ئىچكى جەھەتتىن بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش، تاشقى جەھەتتىن سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، بالىياتقۇدىكى ئىششىق ۋە داس بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن پۇرىقى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاق ئاجرالما ماددىلار كېلىش، ئېغىرلاشقانسېرى سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، پۇرىقى ئۆتكۈرلىشىپ سېسىق پۇراش، بەل، يوتا سىرقىراپ ئاغرىش، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 - رېتسېپ تەركىبى: بۇغا مۈڭگۈزى كۈلى 80 گرام، كەھرىۋا 20 گرام، پىلە غوزىسى كۈلى 15 گرام، مۇقەل 30 گرام، موزا 30 گرام، ئانار پوستى 80 گرام، ئانار گۈلى 60 گرام، قارا شېكەر 200 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تالقان تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: خۇنسىياۋشان، نىشاستە، گىلى ئەرمىنى، سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا 15 گرامدىن، ئانار گۈلى، بابۇنە، ئانار پوستى، ئىككىلىمىلىك، ئانار ئۇرۇقى، ئاقاقىيا، ئەنگۈرشىپا، ئەنجىبار، شاھتەررە، قارا كۆز بەدىيان 30 گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەنجىبار، شاھتەررە، قارا كۆز بەدىياندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سوقۇلمىغان دورىلار بىلەن بىللە بىر خالتىغا قاچىلاپ، خالتىنى سۇغا سېلىپ تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنىلىدۇ. 3 - رېتسېپ تەركىبى: ئاق پېدىگەن چېچىكى 15 گرام، چۆپچىن 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

  • ئالدىنقى مەزمۇن:ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 20 ھېكمەت
  • كىيىنكى مەزمۇن:ھامىلدار ئاياللار تېرىسىنى ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئۈچ مەسىلە
  • ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر ھىندىستانلىق ھوللىۋود داڭلىق چولپىنى قەستكە ئۇچرىدى ئامېرىكىدا ھايۋان دادا ئۆز ئوغلىغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋەتكەن 86 ياشلىق تەلۋە بوۋاي ئېتىنى رەھىمسىزلەرچە جازالىدى ئادەم چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خىزمەتلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا 60 نەچچە بىناغا ئوت كەتتى ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشقان خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئايال خىزمەتتىن ھەيدەلدى ئوغرىلىق قىلغان ھامىلىدار ئايالنىڭ كىيىملىرى كېسىۋېتىلدى تىمساھ يۆتكەش جەريانىدا بىر تىمساھ قېچىپ كەتتى كورىيىلىك دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن جۇڭگولۇق كاپىتان 30 يىللىق كېسىلدى ئۇيغۇرلىرىمىز بەك قالتىسكەن

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ