نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > غەلىتە ئىشلار > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
ئۆز قىزى بىلەن 7بالىلىق بولغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دادا سوراق قىلىندى
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/02/03 مەنبە: ئاۋاتلىقى:

ئۆز قىزى بىلەن 7بالىلىق بولغان  ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دادا سوراق قىلىندى
   [رېيتېر ئاگېنتلىقى، سانكت پولتېن (ئاۋسترىيە)،  1-فېۋرال تېلېگراممىسى] ئاۋسترىيىلىك 73 ياشلىق جوسېف فرىتسىر يېقىندا سوراق قىلىندى، ئۇ ئۆز قىزىنى يەر ئاستى ئۆيىگە 24 يىل سولاپ قويغان،  ئۇ بۇ 24 يىلدا ئۆز قىزى بىلەن يەتتە بالىلىق بولغان، بۇ ئەر يەر ئاستى ئۆيىدە يېڭىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنى ئۆلتۈردى، دەپ ئەيىبلەندى.
   فرىتسىر يەنە قىزى ئېلزابىتقا باسقۇنچىلىق قىلىش، قۇل قىلىش ۋە سولاپ قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىلمىشى ئاۋسترىيىدە، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزنامىدە مۇنداق دېيىلدى: جوسېف فرىتسىر ئېلزابىتنى يەر ئاستى ئۆيىگە ئۇزاق يىلغىچە سولاپ قويۇپ، باسقۇنچىلىق قىلغان، ئۇ ئېلزابىتنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلكى قىلىۋالغان.
  جوسېف فرىتسىر ئامستېتتېندىكى ئۆيىدە مەخپىي يەر ئاستى ئۆيى ياساپ قۇلۇپ سالغان. جوسېف فرىتسىرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن. فرىتسىرنىڭ ئادوۋكاتى: «قۇل قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ ئەيىبلەش ئورۇنلۇق بولمىسىمۇ، فرىتسىر باشقىلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، تەھدىت سېلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن ئۇ ئەڭ مۇھىم قاتىللىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى، دېدى.
    تەپتىش ئەمەلدارى: جوسېف فرىتسىر 1996-يىلى يەر ئاستى ئۆيىدە تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېدى. تەپتىش ئەمەلدارى يەنە: ئۇ يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن كارى بولماي، بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، بوۋاق ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن، فرىتسىر بوۋاقنىڭ جەسىتىنى ئوچاققا سېلىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇ، قاتىللىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دېدى.
    سانكت پولتېن سوت مەھكىمىسىنىڭ سەككىز كىشىدىن تەشكىللەنگەن زاسېداتىللار ئۆمىكى فرىتسىر ئۈستىدىن «قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى» دەپ ھۆكۈم چىقارسا، فرىتسىرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن. ۋاكالەتچى ئادۋوكات: فرىتسىر قالغان ئۆمرىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، دېدى. زاسېداتىللار ئۆمىكىئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
    ئېلزابىت ۋە ئۇنىڭ ئالتە پەرزەنتى(ئۇنىڭ ئۈچىسى تۇغۇلۇشى بىلەنلا سولاپ قويۇلغان) ھازىر ئىسىم فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، باشقا بىر مەخپىي جايدا تۇرۇۋاتىدۇ.
   فرىتسىر بۇلتۇر ئادۋوكاتى ئارقىلىق دېرىزىسىمۇ بولمىغان يەر ئاستى ئۆيىدە «2-قېتىملىق ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى»نى ھەم ئېلزابىت ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن  ناھايىتى بەختلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان.
     ئېلزابىت ساقچىلارغا: سولاپ قويۇلغان دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا ئۇ مېنى كەمەر بىلەن باغلاپ قويدى، دېدى.
   فرىتسىر ئۆزىنىڭ ئېلزابىت ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە «قېچىشقا ئۇرۇنساڭلار، زەھەرلىك گاز بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  • ئالدىنقى مەزمۇن:دادىسىنى ئاشخانا ئۆيگە سولاپ قويۇپ گاز ئىسىدا زەھەرلىگەن ئوغۇل
  • كىيىنكى مەزمۇن:يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاق كوچىدىكى بىر ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىلدى
  • ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر ھىندىستانلىق ھوللىۋود داڭلىق چولپىنى قەستكە ئۇچرىدى ئامېرىكىدا ھايۋان دادا ئۆز ئوغلىغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋەتكەن 86 ياشلىق تەلۋە بوۋاي ئېتىنى رەھىمسىزلەرچە جازالىدى ئادەم چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خىزمەتلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا 60 نەچچە بىناغا ئوت كەتتى ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشقان خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئايال خىزمەتتىن ھەيدەلدى ئوغرىلىق قىلغان ھامىلىدار ئايالنىڭ كىيىملىرى كېسىۋېتىلدى تىمساھ يۆتكەش جەريانىدا بىر تىمساھ قېچىپ كەتتى كورىيىلىك دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن جۇڭگولۇق كاپىتان 30 يىللىق كېسىلدى ئۇيغۇرلىرىمىز بەك قالتىسكەن

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ