ئىككى جىنايەتچى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن 12 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ساقچى تەكشۈرۈش ماشىنىسى سىياقىدا يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغان شىچاڭ ۋە شىجۇندىن ئىبارەت ئىككى كىشى يېقىندا لىيەننەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 12 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە،شىچاڭ بىلەن شىجۇن ئۈچ ياڭشەنلىك كىشى(تۆتىنچىسى قېچىپ يۈرمەكتە)بىلەن يالغان ساقچى تەكشۈرۈش ماشىنىسى بىلەن يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى توسۇپ توختىتىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 10 لەر ئەتراپىدا،بىر توپ كىشى بولكىۋاي ماشىنىنى ھەيدەپ لىيەننەن ناھىيىسىنىڭ سەنجىياڭ بازىرىدىكى مەلۇم يول بۆلكىدە چۈشۈپ يول كاشىلىسى تەسىس قىلىپ،يالغان ساقچى ماشىنىسى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۈچرىغۇچى تاڭ فامىلىلىك ئەر-خوتۇننىڭ ماشىنىسىنى توسۇغان شۇنداقلا تاڭ فامىلىلىك ئەر-خوتۇننىڭ يېنىدىكى 350 يۈەن پۇل،تېلېفۇن ۋە ماشىنا ئىچىدىكى يول باشلاش ئۈسكۈنىسىنى بۇلاپ كەتكەن،يەنە ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەھدىت سېلىپ بانكا مەخپى نومۇرىنى ئېيتقۇزۇپ بانكىغا بېرىپ ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن.
شىچاڭ بىلەن شىجۇم پۇل ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ،بانكىدىن جەمئىي 39 مىڭ يۈەننى ئېلىپ،ئىككىسى 14 مىڭ يۈەندىن بۆلۇشۇۋالغان،قالغانلارغا 3200 يۈەننى بۆلۇپ بەرگەن،ئېشىپ قالغان پۇلنى ئورتاق يەپ-ئىچىپ تۈگەتكەن.
|