| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى ![]() شىنخۇا تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋىرى: لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيرۇتتا لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ يېقىندا ھىندىستان، گرۇزىيە ۋە تايلاندلاردا ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان بومبا ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.
ھەسەن نەسرۇللاھ 16-فېۋرال كەچ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدا چوڭ ئېكران ئارقىلىق سۆز قىلىپ، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ھىندىستان، گرۇزىيە ۋە تايلاندتا يېقىندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ۋەقەلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئاللاھ پارتىيىسى 2008-يىلى ئىسرائىلىيە پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى موغنىيە ئۈچۈن قىساس ئالىدىغانلىقىغا قەسەم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قىساس ئېلىش نىشانى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ئەمەس.
ھەسەن نەسرۇللاھ ئەگەر ئاللاھ پارتىيىسى ئۆزىنىڭ رەھبىرى ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرسە شەرەپلىك قىلمىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھەسەن نەسرۇللاھ يەنە لىۋاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى شەرتسىز ھالدا سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلغان. نەسرۇللاھ كۆپچىلىكنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىش كۈنتەرتىپىنى مەسلىھەتلىشىشى كېرەكلىكىنى، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە شەرت قويماسلىقى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھىندىستان، گرۇزىيە ۋە تايلاندتىكى ئەلچىخانىسى يېقىندا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تىغ ئۇچىنى ئىران ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىغا قاراتقان. |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |