نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
ئىران پرېزىدېنتى: بىز ئىران يادرو مەسلىلىرى سۆھبىتىدىن قاچمىدۇق
ئاپتۇر:زۇلپىيەم ئېزىز بوغلان يوللانغان ۋاقىت:12/01/27 مەنبە:okyan.com ئاۋاتلىقى:

ئىران پرېزىدېنتى:  بىز ئىران يادرو مەسلىلىرى سۆھبىتىدىن قاچمىدۇق

  
           
 
 جۇڭگو ئاخبارات تورى 27-يانۋار خەۋرى:ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدى نىجات 26-يانۋاردا ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسلىلىرى سۆھبىتىدىن قاچمىغانلىقىنى ھەم قاچمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىران ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئەھمەدىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى توردا ئېلان قىلىپ، غەربتىكى بىر قسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىراننى :« ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىدىن قېچىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە رەدىيە بەرگەن شۇنداقلا «بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن سەۋەب كۆرستىپ قېچىۋاتقىنى دەل شۇلارنىڭ ئۆزى.بىز ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز » دەپ كۆرسەتكەن.
   23-يانۋار، ياۋروپا تەشكىلاتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا چىقارغان قارارىدا، ياۋروپا تەشكىلاتدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن ھەم ئىران مەركىزى بانكىسىدىكى بىر قىسىم بايلىقنى توڭلىتۋېتىشتەك جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مۇشۇ قارارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا تەشىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەش ئارقىلىق ، ئىراننىڭ نېفىت سودىسىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشى بار بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىمۇ چەكلىگەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ، ئىران بىر قانچە قېتىم ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى قايتا ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان.ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىھى 19-يانۋاردا تۈركىيىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ئاچقۇچى دەرھال ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.« ئەگەر باشقا تەرەپلەر باھانىلەرنى كۆرسەتسە، بىز ئۇ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدىكەن دەپ چۈشىنىمىز.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىران ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بىلەن  2010-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن . لېكىن، ئىككى تەرەپ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمەي، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاياقلاشقان.
زۇلپىيەم ئېزىز بوغلان.
  • ئالدىنقى مەزمۇن:داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە 5 قوراللىق خادىم ئېتىپ تاشلاندى
  • كىيىنكى مەزمۇن:ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمايدىكەن باشقا دۆلەتلەرمۇ نېفىت ساتالماسىقى مۇمكىن
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ