| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمايدىكەن باشقا دۆلەتلەرمۇ نېفىت ساتالماسىقى مۇمكىن
يەر شارى تورى 27-يانۋار خەۋىرى:ئىراننىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئەلى.ئەكبەر.ۋىلايىت 26-يانۋاردا مۇنداق مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن :«باشقا دۆلەتلەردە نېفىت سېتىلىپ، ئىراندا نېفىت سېتىلمايدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىران ھەرگىز يول قويمايدۇ.ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمايدىكەن، باشقا دۆلەتلەر نېفىت ساتىمىز دەپ خام –خىيال قىلمىسۇن .» ئىران مەھىر ئاگېنتلىقى شۇ كۈنىلا ئولايىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، ياۋروپا تەشكىلاتىنىڭ ئىرانغا قارىتا قوللانغان جازا تەدبىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ۋىلايىت : « غەربتىكى بىر قانچە دۆلەتلەرگىمۇ ئايان، ئۇلارنىڭ قوللانغان جازا تەدبىرى پەقەتلا بىر «سىياسىي ۋاسىتە». بۇ جازا تەدبىرى ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس، ئىران نېفىت سېتىش جەھەتتە ھېچكىمنىڭ «كۆڭۈل بۆلىشى» گە موھتاج ئەمەس، چۈنكى دۇنيانىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى باشتىن-ئاخىر مەۋجۇت.ئەگەر ئىران نېفىت ساتالمايدىكەن، نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ.بىز ھەرگىز باشقا دۆلەتلەردە نېفىت سېتىلىپ، ئىراندا نېفىت سېتىلمايدىغان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايمىز.» دەپ تەكىتلىگەن. 23-يانۋار، ياۋروپا تەشكىلاتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا چىقارغان قارارىدا، ياۋروپا تەشكىلاتدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن ھەم ئىران مەركىزى بانكىسىدىكى بىر قىسىم بايلىقنى توڭلىتۋېتىشتەك جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مۇشۇ قارارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا تەشىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشى چەكلەش ئارقىلىق ، ئىراننىڭ نېفىت سودىسىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشى بار بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىمۇ چەكلىگەن. ئىراننىڭ نېفىت بايلىقى مول بولۇپ، دۇنيادىكى 4-ئورۇندا تۇرىدىغان نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. نېفىت ئىران ئىقتىسادىنىڭ جېنى، تاشقى پېرېۋوتنىڭ %85ى نېفىتتىن كېلىدۇ، مۇشۇ بويىچە ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى «نېفىت سېتىشىنى توختىتىش » تەدبىرى ئىران ئىقتىسادىنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. زۇلپىيەم ئېزىز بوغلان. |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |