نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/01/26 مەنبە: ئاۋاتلىقى:
 شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تېھراندىن بەرگەن تېلىگراممىسى   ئىران پارلامېنتى ئېنىرگىيە كومىتېتى ئەزاسى ناسەر سۇدانى 25-چېسلا ئىران پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نېفىت تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، دېدى.
ئىران پارىس ئاگېنتلىقى شۇكۈنى سۇدانىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىران پارلامېنتىنىڭ بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىرتۈرلۈك تەكلىپنى ماقۇللاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، بۇ تەكلىپكە ئاساسەن، ئىراننىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىغا قوشۇلغان بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يەنە ئوت ئوينىماسلىقى”غا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،  ئىراندىن “بىر تېمىم”مۇ نېفىت سېتىۋالالمايدۇ، دېدى.
سۇدانى، بىرقىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت چەككىلەش ئەسلىھەلىرى ئىران خام نېفىتىنىڭ سۈپىتىگە ماسلاشقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىران خام نېفىتىنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان نېفىتنى تاپالىشى ناھايىتى قىيىنلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ قىممەت باھادا خام نېفىت سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ دېدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران پارلامېنىت ئەزاسى ھىماد ھۈسەيىن شۇكۈنى، ئىران پارلامېنتى 29-چېسلا بۇ تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىدۇ دېدى. ئۇ:“ئەگەر ئىران پارلامېنتى بۇ تەكلىپنى ماقۇللىسا، ھۆكۈمەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا رەسمىي نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نېفىت سېتىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ” دېدى.
ياۋرپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 23-چېسلا قارار چىقىرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئېمپورت قىلىشنى چەكلىدى ۋە ئىران مەركىزى بانكىسىغا جازا يۈرگۈزدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراندىن نېفىت ئېمپورت قىلىشنى، خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكىشىنى، شۇنداقلا، ئىراننىڭ نېفىت سودىسى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىدى. ئەزا دۆلەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، قارار “ئىمزالىنىپ بولغان توختام” 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ دەپ بەلگىلىدى.
ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 23-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىشى “ئاقىلانىلىق ئەمەس”، چوقۇم بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشى لازىم، دېدې.
ئىراننىڭ نېفىت بايلىقى مول، دۇنيادىكى 4-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە ئوپېكتىكى 2-چوڭ نېفىت چىقىرىش دۆلىتى. نېفىت ئىراننىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە تاشقى پېرىۋوت كىرىمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، نېفىتتىن قىلغان كىرىم بارلىق تاشقى پېرىۋوتنىڭ %85 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
  • ئالدىنقى مەزمۇن:ئىران ئەسكەرلىرى، ئالتە پاكىستان ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
  • كىيىنكى مەزمۇن:ياغاچ كەسكۈچىلەر ئورمان قەبىلىسىدىكى سەككىز ياشلىق قىزنى كۆيدۈرۈۋەتتى
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ