| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
ئوباما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزگەنلىكىنى ماختىدى ![]() جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىران يادرو مەسىلىسىگە قارىتىلغان نېفىت ئىمبارگوسىنى ماقۇللىغان. ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش ھەرىكىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىران يادرو مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەيدانى بىردەكلىككە كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ خەلقئارا مەجبۇرىتىگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلىپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلاشماي، يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياخشى كۆڭۈل بۆلمىدى دېگەن. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرلار يىغىنى ماقۇللىغان قارارغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتتى. ئېنىرگىيە جەھەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزمەكچى بولدى؛ پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتماقچى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولدى.
ئوباما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىرىنى ماختىغان. ئۇ:«مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى شېرىكلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكىتىنى ئالقىشلايمەن. بۇ جازالار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى تەھدىتىگە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشتا ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى» دېگەن.
![]() ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى بىلەن مالىيە مىنىستىرى تىموسىي گېيسنېر 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپانىڭ 23-يانۋاردىكى ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارى ۋە ئىران مەركىزىي بانكىسىنى جازالاش قارارىنى ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئىراننى يادرو قورالى ياساشتىن ۋاز كەچتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر دېگەن.
ئامېرىكىمۇ ئۆتكەن ئايدا ئوخشاش جازالاش تەدبىرىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئەمما تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىران نېفىت ئېكىسپورتىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىكەن.
لوندون نېفىت بازىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى جازالاشنى قارار قىلغاندىن كېيىن باھا ئۆرلەش كۆرۈلگەن، شىمالىي دېڭىز نېفىتىنىڭ 3-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى 110.94 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەن.
(نەپرەت) |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |