نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
ب د ت ئەمەلدارى لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قاتىق خىرىسقا دۈچ كېلىدۇ دېدى
ئاپتۇر:دەرۋىش يوللانغان ۋاقىت:12/01/26 مەنبە: ئوكيان تورى ئاۋاتلىقى:

ب د ت ئەمەلدارى لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قاتىق خىرىسقا دۈچ كېلىدۇ دېدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى:ب د ت نىڭ كاتىپى لىۋىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەكلى ب د ت نىڭ لىۋىيىگە ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىئان.مارتىن (Ian Martin) 25-يانۋاردا :« لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يارىشىپ قېلىش، كىشىلىك ھوقوقنى قوغداش شۇنداقلا رەھبەر سايلىمى قاتارلىق بىر قاتار خىرىسلارغا دۈچ كېلىدۇ.»دېگەن.
مارتىن شۇ كۈنى (25-يانۋاردا ) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە ۋەزىيتى توغىرسىدىكى ئاشكارا يىغىنىدا :«ھازىرغا قەدەر لىۋىيىنىڭ كوچا-كوچىلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش قوراللىرى تولۇپ تاشىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ھەر خىل باشقۇرۇش ياكى كونترول قىلىش ھوقوقى ئېنىق بولمىغان ھەر خىل قوراللىق قىسىممۇ بار، ئالدىنقى بىر ئاينىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قىسم ۋەقەلەرگە بۇ ئەھۋاللار سەۋەبلىك ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.» دەپ پىكىر بايان قىلغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ،مىسۇرتادىن كەلگەن قوراللىق ئەسكەرلەر ۋە لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترى پورىدىكى قوراللىق ئەسكەرلەر ئوتتۇرسىدا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ قازا قىلشى ھەم يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن،ھەر قايسى تەرەپتىن كەلگەن قوراللىق قىسملار گىريان ۋە ئارئاسابا رايونىدا يەنە بىر قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىمۇ بانىۋالد رايونىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
«مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يارىشىپ قېلىش مەسىلىلىرى لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت دۈچ كېلىدىغان يەنە بىر خىرىس. لىۋىيىنىڭ مۇھىم جەڭ رايونى بولغان بانىۋالدتا، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت يەرلىككە يېڭىدىن ئەۋەتكەن رەھبەرلەر بىر قىسىم توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدى.بۇ خىل جىددىي ھالەتتە، بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان ئىشلار چىقان ھامان، يەرلىك ئامما ۋە شۇ يەردە تۇرىۋاتقان قوراللىق قىسىم ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇۋاتىدۇ.» دېگەن مارتىن سۆز قىلىپ.
ئۇ يەنە:«لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى سايلامغا تەييارلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقوقنى قوغداش، ئۇرۇشتىن قالغان پارتىلىغۇچى بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلش، چېگرا رايونلارغا بولغان كونتىروللۇقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدۇ. ب د ت نىڭ لىۋىيىگە ياردەم بېرىش ئۆمىكى داۋاملىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىرىسلارنى يېڭىشى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
زۇلپىيەم ئېزىز بوغلان.
  • ئالدىنقى مەزمۇن:ئىران پارلامېنتى ياۋرۇپاغا نېفىت سېتىپ بەرمەسلىكنى ئويلىشىۋېتىپتۇ
  • كىيىنكى مەزمۇن:بۇگۈن خام ئالتۇن باھاسى
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ