نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
سومالىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/01/26 مەنبە: ئاۋاتلىقى:

 

سومالىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
 
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا پرىزدېنتى ئوباما 25-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، سومالىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئامېرىكىلىق جېشكا بۇچاناننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بۇچانان ئەپەندىگە ئۆزى تېلىفۇن قىلىپ قىزىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئېيتقان.
 ئوبامانىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئوباما 23-يانۋار ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قۇراللىق قىسمىنى جېشىكا بۇچاناننى قۇتقۇزۇشقا بۇيرىغان ۋە بۇ قېتىمقى ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ، بۇچانان ئامان-ئېسەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئوباما يەنە، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ھەر قاچان ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى تېگىشلىك قانۇنىي جازاغا تارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
 كېيىن يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئالاھىدە قۇراللىق قىسمىنىڭ بۇ قېتىم بۇچاناننىلا ئەمەس، يەنە دانىيە پۇقراسى بول تىستېدنىمۇ قۇتۇلدۇرۋالغانلىقىنى ئېيتقان، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇۋېلىنغان بۇ ئىككەيلەن بەدەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. پانېتتانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمىدا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمەپتۇ.
 بۇچانان ۋە تىستېدلار ھەممىسى دانىيە مۇساپىرلار كومىتېتى قارمىقىدىكى دانىيە مىنا تازىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا سومالىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
  • ئالدىنقى مەزمۇن:بۇگۈن خام ئالتۇن باھاسى
  • كىيىنكى مەزمۇن:فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزىنىڭ ئوغلى يېمەكتىن زەھەرلەنگەن
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ