| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى قايتا باش كۆتۈرۈپ، بانىۋالىد شەھىرىنى ئىگىلىۋالدى
شىنخۇا تورىنىڭ 24-يانۋار خەۋىرى: لىۋىيىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، 23-يانۋار لىۋىيىنىڭ بانىۋالىد شەھىرىدە سابىق قازافى ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچىلار ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن تۇتۇشۇش يۈز بېرىپ، بانىۋالىد شەھىرىنى قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىگەللىۋالغان. ھەمزە ئىسىملىك كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە بانىۋالىد شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق تۇتۇشۇش يۈز بەرگەن، ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ تۆت ھۆكۈمەت ئەسكىرى قازا قىلىپ، 20 نەچچە كىشى يارىلانغان. ھەمزە يەنە ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىشىچە، قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سابىق ھۆكۈمەتنىڭ يېشىل رەڭلىك بايرىقىنى شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە قاداپ، شەھەرنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بانىۋالىد شەھىرىگە ھەربىي قىسىم يۆتكەپ، ھۇجۇم تەشكىللىمەكچى بولغان. بانىۋالىد شەھىرى پايتەخت ترىپولىدىن 180 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، نۆۋەتتە قازافى ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچىلار بىلەن لىۋىيىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان قۇراللىق قىسىم خادىملىرى ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇش ئاساسلىق سابىق رەھبەر قازافىنىڭ يۇرتى سۇرت ۋە بانى ۋالىد شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. خالىسە ئەھمەد
|
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |