| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
ئىران يەنە ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش ھەققىدە تەھدىت سالدى ئىران ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش چارىسىگە قاتتىق ئىنكاس بىلدۈردى ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران دېپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى رەئىسى مۇھەممەد بايانات ئېلان قىلىپ، ناۋادا ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئىران تەرەپنىڭ نۇقتىلىق نېفىت ترانسپورت لىنىيىسى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش تاللىشىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇھەممەد بۇ ھەقتە توختىلىپ :« ناۋادا ئىران خام نېفىتىنىڭ سېتىلىشىدە ئازراقلا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە، ھورمۇز بوغۇزى رەسمىي قامال قىلىنىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان. ئاساسىي قانۇننى قاراپ چىقىش ۋە لايىھە تەييارلاش كومىتېتى ئەزاسى ئەلى فاللاھىيان ئىران خام نېفىت ئېكىسپورتىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولۇپ، ئەنگلىيە رېيتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، ئىران چىگرىسى ئىچىدە ئاساسىي قانۇنغا قاراپ چىقىش ۋە لايىھە تەييارلاش كومىتېتى ئىراندا بىر قەدەر يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى فاللاھىيان ئىلگىرى ئاخبارات مىنىستىرى خىزمىتىنى ئۆتىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى ئىراندا خېلى سالمىقى بار تەكلىپ دەپ قارىلىشى ئېنىق ئىكەن. فاللاھىياننىڭ قارىشىچە، ياۋرۇپا جازالاش قارارنامىسىنى ماقۇللاپ بولغانىكەن، ئىران تەرەپمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. شۇڭا ئىران ياۋرۇپاغا بولغان نېفىت ئېكىسپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتپ، ياۋرۇپانىڭ يېڭى مەنبە تېپىۋېلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بەرمەسلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋرۇپا ئىقتىسادىغا خىرىس پەيدا قىلىشى كېرەك ئىكەن. فاللاھىيان ئۆز كۆز-قارىشىنى شەرھلەپ :« ئىراننىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى نېفىت ئىمبارگوسىنى رەسمىي يۈرگۈزمەكچى بولغان ۋاقىت 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياۋرۇپا قىتئەسىگە بولغان خام نېفىت ئېكىسپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى ھازىرقى پەيتتىكى ئەڭ ياخشى چارە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەر قايسى تەرەپلەر تەشۋىش ئىچىدە قالدى ياۋرۇپا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 23-يانۋار جازالاش لايىھىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولۇپ، رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن گرىتسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيىلەرنىڭ ئىران خام نېفىت ئىمپورتىغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ دۆلەتلەر ھازىر دۆلەت قەرزى كىرزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا ئىران خام نېفىت ئىمپورتى توساتتىن ئۈزۈلۈپ قالسا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىشى مۇقەررەر ئىكەن. گىرىتسىيىنىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت مىقدارى ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، گرىتسىيە بۇندىن بۇرۇن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن يېڭى خام نېفىت ئىمپورتنى مەنبەسى تېپىۋېلىش ئۈچۈن بىر يىللىق مۆھلەت تەلەپ قىلغان. 23-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، ئىسپانىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى جۇسى مانۇئېل ( Garcia Jose Manuel) «بىز ناھايىتى كۆپ قۇربانلىق بەردۇق» دېگەن. بۇندىن باشقا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قارىتا جازالاش چارىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، دۇنيا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. شۇ كۈنكى چۈشلۈك بازاردا لوندون شىمالىي دېڭىز Brent خام نېفىتىنىڭ زاكاس مال باھاسى 0.77 ئامېرىكا دوللىرى يەتكەن بولۇپ، ھەر بىر تۇڭ خام نېفىت باھاسى 110.63 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كەلگەن. نيۇ-يورك بازىرىدا بولسا يېنىك خام نېفىتنىڭ زاكاس مال باھاسى 0.88 ئامېرىكا دوللرىغا يېتىپ، ھەر بىر تۇڭ يېنىك خام نېفىت باھاسى 99.21 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ كەتكەن. بۇندىن بۇرۇن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىغا قارىتا روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ پىكىر بايان قىلىپ، تاق يۆنىلىشلىك جازالاشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاقىلانە چارىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر قىزىققانلىق بىلەن مەسىلە ھەل قىلىشتىن توسۇپ، ئىران يادرو سۆھبىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن. خالىسە ئەھمەد |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |