جۇڭگو ئاخبارات تورى،19-يانۋار تېلىگىراممىسى:
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىراننىڭ ئايال چولپىنى فارخانى يېقىندا فىرانسىيەدە يالىڭاچ ئېلان رەسىمىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەملەر> قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ دۆلەتكە قايتىشى چەكلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە،فارخانى 2011-يىلى ئىراندىن ئايرىلىپ پارىژغا بارغان،ئۇ پارىژدىكى مەلۇم بىر ژورنالدا يالىڭاچ ئېلان رەسىمىگە چۈشكەن.بۇ ژورنال تارقىتىلغاندىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى چەكلىگەن.فارخانى مۇنداق دېگەن:< ئىران مەدەنىيەت تارمىقى ۋە ئىسلام دىنى قانۇنى مەسلىھەتچى ئەمەلدارى ماڭا،ئىران ساڭا ئوخشاش ھەرقانداق ئارتىسقا مۇھتاج ئەمەس،دېدى.مەن باشقا دۆلەتكە بېرىپ ئۆزەمنىڭ سەنئەت ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرسام بولىدۇ>.
ئۇنىڭ يالىڭاچ رەسىمى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن،فارخانى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بېكىتىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باھاسىنى تاپشۇرۇۋالدى،بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى <پەسكەش> دەپ ئەيىبلىدى،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ <قەيسەر> لىكىگە قول قويدى. |