| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
سومالى ئەل-شاباب تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 22-يانۋار خەۋىرى: سومال ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ ئەل –شاباب تەشكىلاتى (ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى) نىڭ باياناتچىسى ئەلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى پايتەخت موقدىشۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئەلىنىڭ دېيىشىچە، بۇ رەھبەرنىڭ ئىسمى ھىلال ئەل-بارزاۋى بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ پاسپورتى بار لىۋانلىق ئىكەن. ھىلال بارزاۋى بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن، 2006-يىلدىن باشلاپ ئەل-شاباب تەشكىلاتىغا كىرىپ، سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. ئەلى ھىلال بارزاۋىنى ئەل-شاباب تەشكىلاتىنىڭ سومالىدىكى قوراللىق كۈرەشلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ بىرى دېگەن. ئەل شاباب تەشكىلاتى ئامېرىكا بۇ ھۇجۇمنى قوزغىدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ئەل-شابابنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتقان، ئامېرىكا بۇنىڭغا قارىتا باھا بەرمىگەن. نۆۋەتتە، ئەل-شاباب تەشكىلاتى موقدىشۇ ۋە سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە كېنىيە ئارمىيىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەربىي كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |