| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئافغانىستاندا يەرگە چۈشۈپ كەتتى
شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋىرى ، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمى 20- يانۋار ش ئا ئە ت نىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ 19- يانۋار ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ش ئا ئە ت نىڭ 6 نەپەر ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ش ئا ئە ت بىر باياناتىدا ئايروپىلاننىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ئەمما دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا بۇ رايوندا دۈشمەنلەر ھەركەت قىلمىغان ئىكەن.باياناتتا ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئانچە ئاشكارىلىمىغان، پەقەت قازاغا ئۇچرۇغۇچىلارنىڭ ئا ئىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى دىيىلگەن.
ئامرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا دىيىشىچە،بۇ “CH-53海上种马” تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئافغانىستاننىڭ خىرمەند ئۆلكىسىدە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، 6نەپەر قازاغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەممىسى ئامرىكا ئەسكەرلىرى ئىكەن، « دەسلەپكى بىشارەتلەر ئەسكەرلەرنىڭ دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى زەربىسىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.»
بۇ 6 كىشىدىن باشقا تىك ئۇچاردا يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى « « 海上种马 » تىپلىق تىك ئۇچار بىرخىل ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بولۇپ ، تەخمىنەن 40 كىشىنى سىغدۇرالايدۇ. بۇ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ ئالدىنقى يىل 8 – ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەرگە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدۇر » دېدى.
ئالدىنقى يىل 8- ئايدا تالىبان ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋارداك ئۆلكىسىدە ئامرىكا ئارمىيىسىنىڭ“奇努克”ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەن بولۇپ ، 30 نەپەر ئامرىكا ئەسكىرى ۋە 7 نەپەر ئافغانىستان ئەسكىرى قازا قىلغان.
زۇبەيدە يارمەممەت
|
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |