| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
كورىيە جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى يەرشارى تورى مۇخبىرى جاڭ جى خەۋىرى، كورىيە بىرلەشمە ئاگنتلىقىنىڭ 21- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتى كورىيە ئىقتىسادىي رايونى ( EEZ) دا قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە قارىتا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىپ، ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە پۇلىنى 200مىليون كورىيە پۇلى« خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 11مىليون 140مىڭ » غا ئۆستۈرۈشنى ۋە بارلىق تۇتقان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى پىلان قىلدى.
خەۋەردە « كورىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ،سۇ مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش قىسمىدىكى بىر ئەمەلدار كورىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئامال – چارىلەرنى تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشقاندىن سىرت يەنە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ « قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش » مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. كورىيە تەرەپ ھەر يىلنىڭ 1- 4 ئاي ۋە 11- 12 ئايدا جىجوۋ ئارىلى ۋە خېيشەن ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق ئاساسلىق دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە بېلىقچىلىق يېتەكچى كېمىلىرىنى سېلىپ، جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىدۇ » دىيىلگەن.
كورىيە تەرەپ ئويلىشىپ تۈزگەن يېڭى لايىھىدە، جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە قويۇلىدىغان جەرىمانە پۇلىنى 100 مىليوندىن 200 مىليون كورىيە پۇلىغا ئۆستۈرۈش، تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىش رەسمىيىتى بولمىغان، دېڭىز تەۋەلىكگە بېسىپ كىرگەن ۋە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە قارىتا ، كورىيە تەرەپ بارلىق تۇتقان سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە سايمانلارنى مۇسادىرە قىلىش ۋە مۇناسىپ جەرىمانە قويۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تۈزۈلگەن .
خەۋەردە يەنە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا قاتناشقان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرى ۋە كېمە ئەزالىرىغا قارىتا ، كورىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىشىدۇ ۋە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇلارغا قارىتا جازالاش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ دىيىلگەن.
خەۋەردە ئاخىرىدا كورىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى تۇتىۋېلىش ئەنزىسىنىڭ ئۆتكەن يىل 537 قېتىمغا ، بۇيىل بولسا 1- ئايدىلا 55 قېتىمغا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
زۇبەيدە يارمەممەت |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |