نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىران ئۇرۇشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا پارتىلايدىغانلىقىنى قىياس قىلدى
ئاپتۇر:نەپرەت يوللانغان ۋاقىت:12/01/21 مەنبە:ئوكيان ئاۋاتلىقى:

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىران ئۇرۇشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا پارتىلايدىغانلىقىنى قىياس قىلدى

 
 «يەرشارى گېزىتى» نىڭ 21- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ رەئىسى دېمپسىي 20- يانۋار ئىسرائىلىيىنى ئىنتايىن ئالدىراش ھالدا زىيارەت قىلىپ، « ئامرىكا – ئىسرائىلىيە بىرلىكتە ئىرانغا تۇتۇش قىلىش » قىياسنى تۇيۇقسىزلا يۇقىرى پەللىگە چىقاردى . 19-يانۋار ئامرىكىنىڭ « لىنكولىن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ئەرەب دېڭىزىغا يېتىپ بېرىپ، « كارل. ۋىنسون » ناملىق ئاۋىئاماتكا بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا دېڭىزدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدۇ. ئامرىكا « لىگاتۇرا » ژورنىلى 19- يانۋار يەنە، ئامرىكىنىڭ بىر ئالاھىدە قىسىمىنىڭ ئىرانغا يېقىن رايوندا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى،ئەمما ئامرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىسىمنىڭ ھەركەت ۋەزىپىسىنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىران ئۇرۇشنىڭ پارتلاش – پارتلىماسلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئويغا سالماقتا، يەنە بىرقىسىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ھازىر « ئۇرۇش ۋاقىت»نى پەرەز قىلماقتا.
 ئامرىكا «لگاتۇرا» ژورنىلىنىڭ 19- يانۋار ئامرىكا ئالاھىدە قىسىم قوماندانلىق شتابىدىن ئىگىلىشىچە ، بىر ئالاھىدە تەربىيلەنگەن قىسىم ھازىر بۇ رايوندا ھەركەت قىلماقتا. ھازىرچە بۇ قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇر ناھايىتى ئاز. ئەترەتتىكى ئەزالار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىدىن كېلىپ بىرلەشكەن. مەنسەپدارلار ئەترەتتىكى ئەزالارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ۋەزىپىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەترەتنىڭ ۋەزىپىسى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باش شتابىنى ئاشكارىلىمىدى.
 لوندۇندا تۇرۇشلۇق ئەرەب ئاخبارات ۋاستىسى بولغان « تۇرمۇش گېزىتى » ئۇرۇش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى دەپ قارىدى. ئىسرائىلىيە « دۆلەت زىمىنى گېزىتى» 20 –يانۋار « غەرب تەھلىلىچىلىرى ئىراننىڭ قىش ئاسمىنىدىكى بۇلۇت يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بومباردىمان قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئاز بولغاندىمۇ  3- ئايغىچە ساقلاش كېرەك دەپ قارىدى » دېدى. روسىيە « كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقىتى گېزىتى» « بىرقىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىران ئۇرۇشى مۇشۇ ئاي ئاخىرىدا باشلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قارىتا نىفىت توشۇشنى چەكلەشنى قارار قىلدى دەپ قارىدى » دېدى. روسىيە «ھارپا» تورى ئامرىكا ئەزەلدىن سايلام مەزگىلىدە ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بەلكىم 3- ئاينىڭ ئاخىرى 4- ئاينىڭ باشلىرى ئۇرۇش باشلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
  
زۇبەيدە يارمەممەت 
  • ئالدىنقى مەزمۇن:كورىيە جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى
  • كىيىنكى مەزمۇن:خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى ئىراننىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلدى
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ