| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى ئىران خىمىيە مۇتەخەسىسى ئۆلۈمى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 21-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيسىى ئورگىنى (IAEA) 20-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى ھەپتە قەستكە ئۇچرىغان ئىران خىمىيە مۇتەخەسىسىنى تونۇمايدىغانلىقىنى، ئىران ھۆكۈمىتنىڭ 19-يانۋار ئېلان قىلغان خىمىيە مۇتەخەسىسى ئۆلۈمىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيسى ئورگىنى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدىكى باياناتىنىڭ قىلچە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەھمەدى روشەن 11-يانۋار موتوسىكىتلىق ئەر ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئورنىتىپ قويغان بومبا پارتلاپ كېتىپ قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ پەردە ئارقىسىكى پىلانلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئىراننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەل ھەبىب 19-يانۋار، ئىران مۇتەخەىسسى ئەھمەدى روساننىڭ يېقىندا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خەلقئارا ئاتوم ئېىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو ئۈسكۈنىلىرى ۋە يادرو مۇتەخەسىسلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى باياناتچىسى ئەل ھەبىبنىڭ بۇ باياناتىغا قارىتا، مەزكۇر ئورگاننىڭ باياناتچىسى خىمىيە مۇتەخەسىسى ئەھمىدى روساننى تونۇمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بولسا تېخىمۇ ئاشكارىلاپ قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خالىسە ئەھمەد |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |