| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
ئىراق ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەگە قوشۇن تارتىشىنى قوللىمىدى جۇڭگو ئاخبارات تورى 21-يانۋار خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق پارلامېنتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى رەئىسى سەمى ئەسقەرى 20-يانۋار قاتار ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيگە ئەسكەر ئەۋەتىش ئارقىلىق سۈرىيە ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش قارارىنىڭ ناھايىتى يەڭگىللىك بىلەن چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەسقەرى يەنە :« ئەرەب ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، سۈرىيە ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئويى ئەمەلىيەتكە مۇناسىپ كەلمەيدۇ» دېگەن. قاتار خەلىپىسى شەيخ ھاماد (Sheikh Hamad) بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋاستىسى بىلەن سۈرىيە ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەسقەرىنىڭ قارىشىچە، ئەرەب ئارمىيسىى سۈرىيىگە كىرگەندىن كېيىن، قۇراللىق ئۆكتىچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، قايسى تەرەپكە بولۇشۇش مەسىلىسىدە مۇرەككەپ ئەھۋالغا دۇچ كېلىدىكەن. ئەسقەرى يەنە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭمۇ 22-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان قاتار ھۆكۈمىتى پىكرىنى قەتئىي قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاكالەتچىسى (Saadun al-Dulaimi) ئەل دۇلايمى 19-يانۋار ئىراقنىڭ ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيىگە كىرىشى مەسىلىسىدە «ئارىلاشماي، سىرتتىن كۈزىتىش» مەيدانىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئەرەب ئارمىيسىىنىڭ سۈرىيىگە ئەۋەتىلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەمەشىق ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ئەرەب ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيىگە ئەۋەتىلىشى سۈرىيە ۋەزىيتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن بىللە، يەنە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا «ئىشىك» ئېچىپ بەرگەنلىكى بىلەن باراۋەر بولىدىكەن. سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيەتلىرى ئون ئايغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۆلۈم-يېتىم خەۋەرلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئاددىي پۇقرالارمۇ، باستۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. ب د ت ئېلان قىلغان سانلىق سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيىدىكى قانلىق توقۇنۇشلاردا 5000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قۇراللىق توقۇنۇشتا 2000 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئەسكەرلەر قازا قىلغان بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار دەل خىل قۇراللارغا ئىگە بولغان قۇراللىق تەشكىلات خادىملىرى ئىكەن. خالىسە ئەھمەد |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |