| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە سىتىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 21-يانۋار خەۋىرى: تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇد ئوغلۇ 20-يانۋار تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ، جەنۇبىي كورىيەنىڭ زىيارەتكە كەلگەن تاشقى ئىشلار سودا مىنىستىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى جاكارلىغان. داۋۇت ئوغلۇ جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار سودا مىنىستىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىناق دوستلۇق ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغانلىقىغا 55 يىل بولغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ 2000-يىلىدىكى بىر مىليارد 300 مىليوندىن ھازىرقى ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى، تۈركىيە-جەنۇبىي كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. جەنۇبىي كورىيە ھەر يىلى تۈركىيىگە 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ، ھالبۇكى تۈركىيە بولسا 500 مىليون قىممىتىدىكى بۇيۇملارنى ئېكىسپورت قىلغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت يەنە سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى يوقىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. جەنۇبىي كورىيە ۋەكىلى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيىگە پات ئارىدا جەنۇبىي كورىيە سودا ئۆمىكى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، سودا تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن. بۇندىن باشقا ئىككى دۆلەت دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يەنە تۈركىيە-جەنۇبىي كورىيىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدىمۇ ئەستايىدىل مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «تۈركىيە-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى» نى ئىمزالىغان. خالىسە ئەھمەد |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |