نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
تاراتقۇلار ئىران ئۇرۇشى 4-ئايدا پارتلاش مۇمكىنچىلىكىنى خەۋەر قىلدى
ئاپتۇر:نەپرەت يوللانغان ۋاقىت:12/01/21 مەنبە:ئوكيان ئاۋاتلىقى:


 

 

 

 

 

تاراتقۇلار ئىران ئۇرۇشى 4-ئايدا پارتلاش مۇمكىنچىلىكىنى خەۋەر قىلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 21-يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى رەئىسى دېپمىس 20-يانۋار تېزلىكتە ئىسرائىلىيىگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا «ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاش» قىياسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش نىسبىتى ئۇشتۇمتۇت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ «لىنكولىن» ناملىق ئاۋياماتكسىى 19-يانۋار ئەرەب دېڭىزىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، «كارل ۋېنسون» ئاۋياماتكىسى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە قوماندانلىق قىلماقچى ئىكەن. ئامېرىكا «تۇتاشتۇرغۇچى» ژۇرنىلىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى ئىران ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر قىسىمنىڭ ئىران ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق سىر ساقلىغان. نۆۋەتتە ئىران ئۇرۇشى پارتلامدۇ-يوق دېگەن مەسىلە پۈتكۈل دۇنيا كىشىلىرىنىڭ دىققەت-نەزىرىنى قوزغاۋاتقان نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ، بىر قىسىم تاراتقۇلار بەس-بەستە ئۇرۇش قوزغاش ۋاقتى توغرىسىدىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

  ئامېرىكا «تۇتاشتۇرغۇچى» ژۇرنىلىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دېڭىز قولتۇقى رايونىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئاشكارىلىنىپ باقمىغان مەخپىي قۇرالى يەنى ئامېرىكا يېڭى ئالاھىدە قىسمى بار بولۇپ، ئامېرىكا ئالاھىدە ئۇرۇش قوماندانى نۆۋەتتە يېڭى ئالاھىدە ئۇرۇش ئەترىتىنىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن، ئەمما بۇ ئەترەتنىڭ تېخىمۇ كونكىرت ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇر ناھايىتى ئاز ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالاھىدە قىسىم، ئامېرىكا 3-دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىلىش قىسمىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قىسىم نامىدىكى «بىرلەشمە» دېگەن سۆز ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرى ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ ئەترەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىدىن باشقا، ئەترەت ۋەزىپىسى، رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە باش شتابى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرىنىمۇ ئاشكارىلىمىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تازا جىددىي بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، بۇ ئەترەت ئامېرىكىغا يېڭى بىر ھەربىي تاللاش ئېلىپ كەلگەن.

  ھىندىستان «دېككان ئاۋانگارتلىرى گېزىتى» ھازىرقى ئىران ۋەزىيىتىنى « ئىراننىڭ بوينىدىكى سىرتماق كۈنسېرى چىڭىيىۋاتىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.

  لوندوندىكى ئەرەبىستان تاراتقۇسى بولغان « تۇرمۇش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئۇرۇش ۋاقتىنى تەتۈر ساناش باشلاندى، دەپ يېزىلغان. ئىسرائىلىيە « زېمىن گېزىتى» نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، غەرب تەھلىلچىلىرى « قىش پەسلىدە ئىران ئاسمىنىدىكى بۇلۇت قاتلىمى يارو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك پارتلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا بەلكىم 3-ئايلاردا ئىراننى ئۈنۈملۈك پارتلىتىشنىڭ تەبىئىي ھاۋارايى شارائىتىغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن» دەپ قاراشقان.

  روسىيە «  كوممۇنىستىك ئىتتىپاق گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىران نېفىت ئىمبارگوسىنى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى جاكارلىغان بولغاچقا، ئىران ئۇرۇشى بەلكىم مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى روسىيىدىكى «ھارپا» تورى يەنە، ئامېرىكا چوڭ سايلام پەيتىدە ئۇرۇش قوزغاشنى خالىماسلىقى، شۇڭا ئىران ئۇرۇشى مارتنىڭ ئاخىرلىرى ياكى ئاپرىل ئېيتىنىڭ باشلىرىدا پارتلىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

خالىسە ئەھمەد

  • ئالدىنقى مەزمۇن:يەمەن پرىزدېنتى سالىھى ئامېرىكىغا تايىنىپ پاناھ جاي ئىزدىمەكچى بولدى
  • كىيىنكى مەزمۇن:نېگىرىيەنىڭ شىمالىدا كۆپ قېتىم پارتلىتىش يۈز بەردى
  • ئۇلۇغبەك ئوبانى قەستلەش نىيىتىدە بولغانلىقىنى تەن ئالدى خانىيە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنى مەڭگۈ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى لىۋاننىڭ شىمالىدا مەزھەپلەر توقۇنىشى يۈز بەردى موسكىۋا: قاتىللىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەيى مۇھاجىرلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى گازانى بومباردىمان قىلدى فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ، ﺋﯩﻨﮋﯨﻨﺮ ﺭﻩﻳﮭﺎﻧﮕﯘﻝ ﺑﻪﻛﺘﯘﺭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (4) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (3) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى (2) مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى كورىيەنىڭ گۈزەل چولپانلىرىنى كۆرگەنمۇ؟

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ