| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
نېگىرىيەنىڭ شىمالىدا كۆپ قېتىم پارتلىتىش يۈز بەردى
![]() جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-يانۋار خەۋىرى: نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى كانو (Kano) شىتاتىنىڭ ساقچىلىرى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى دېيىشىچە، 20-يانۋار مەزكۇر شىتاتنىڭ مەركىزى كانو شەھىرىدە كۆپ قېتىم پارتلىتىش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە، 7 ئادەم ئۆلگەن.
كانو شىتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىس مۇسا 20-يانۋەر كەچ كۆپ قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىگىلىنىشچە، ئاز دېگەندە 3 ساقچى ئىدارىسىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
نۆۋەتتە ھەر قانداق تەشكىلات بۇ پارتلىتىشلارغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان، ئەمما كانڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى پارتلىتىشلارنى نېگىرىيە بوكو-ھەرەم ئىسلام تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق بار دەپ گۇمان قىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېگىرىيەنىڭ ئاساسلىق مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان بۇ شىتاتنىڭ مەركىزى كانو شەھىرىدە شۇ كۈنى تەخمىنەن 20 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە، بوكو ھەرەم تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇملارغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
(نەپرەت) |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |