نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > خەۋەرلەر > خەلقارا خەۋەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
شەھۋانىي كەسىپ ياپونىيىگە ھەريىلى 60مىليارد ياۋرۇ پايدا يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/01/09 مەنبە: ئاۋاتلىقى:
     شەھۋانىي كەسىپ ياپونىيىگە ھەريىلى 60مىليارد ياۋرۇ پايدا يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ


     ھازىر ياۋروپادىكى شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بەزى سورۇنلار ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن خېرىدارلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بېشى قېتىۋاتقان بولسىمۇ، ياپونىيىدە شەھۋانىي كەسىپ ئىقتىسادىي كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، بەلكى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىدە شەھۋانىي كەسىپنىڭ يىللىق سودا ئوبوروتى 60مىليارد ياۋرۇدىن ئېشىپ كەتكەن. سىنگاپور «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» تورپونكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس: ھازىر ياپونىيىنىڭ شەھۋانىي كەسپى ياپونىيىدە كەلگۈسى50 يىلغىچە ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دېگەن.

           ياپونىيىنىڭ شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئارىسىدا، مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئايال سازەندىلەر ئالىي دەرىجىلىك مۇلازىمەت قىلغۇچىلار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار سودا زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلىنىپ، مېھمانلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ ھەمسۆھبەتتە بولغاندىن باشقا، ئەنئەنىۋى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلايدىكەن. ھازىر ئىقتىساد كاساتلاشقان بولسىمۇ، ياپونىيە زەردارلىرى، چوڭ كارخانىلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ياش، كېلىشكەن ئايال سازەندىلەرنى سورۇنىنى قىزىتىپ بېرىشكە چاقىرىدىكەن. پايتەخت توكيودا بۇنداق ئايال سازەندىلەر تېخى يېتىشمەيدىكەن. ۋەھالەنكى، شەھۋانىي مۇلازىمەت قىلىدىغان قاۋاقخانا، تانسىخانا، ئۇۋۇلاشخانا قاتارلىق جايلاردا ھاراق ئېچىشىپ بېرىدىغان ئاياللارنىڭ سودىسىمۇ خېلىلا ياخشىكەن. ئېيتىلىشىچە، ئابرۇيپەرەس ياپون ئەرلىرى ئۆيىگە بالدۇر قايتسا، خوتۇنىنىڭ ئىدارەڭدە مۇھىم ۋەزىپەڭ يوق ئىكەن،دەپ مەسخىرە قىلىشىدىن قورققاچقا، مۇشۇنداق جايلارغا بېرىپ، ئۆيىگە ۋاقچە قايتىدىكەن.
          خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر شەھۋانىي قىسقا فىلىملىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 1مىليارد دوللار ئىكەن. ئىقتىسادىي كرىزىس بۇنداق فىلىملەرنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن. بۇنداق فىلىملەرگە بولغان ئېھتىياج ئاشقاچقا، نۇرغۇن فىلىم ئىشلەش شىركىتى يېڭى فىلىم ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.

(«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»دىن)
 

  • ئالدىنقى مەزمۇن:شۆھرەت مۇتەللىپتىن يېڭى نەتىجە
  • كىيىنكى مەزمۇن:سابىق زۇڭلى ئەنۋەرنىڭ بەچچىۋازلىق دېلوسىغا سوت ئېچىلىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى
  • ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر ھىندىستانلىق ھوللىۋود داڭلىق چولپىنى قەستكە ئۇچرىدى ئامېرىكىدا ھايۋان دادا ئۆز ئوغلىغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋەتكەن 86 ياشلىق تەلۋە بوۋاي ئېتىنى رەھىمسىزلەرچە جازالىدى ئادەم چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خىزمەتلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا 60 نەچچە بىناغا ئوت كەتتى ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشقان خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئايال خىزمەتتىن ھەيدەلدى ئوغرىلىق قىلغان ھامىلىدار ئايالنىڭ كىيىملىرى كېسىۋېتىلدى تىمساھ يۆتكەش جەريانىدا بىر تىمساھ قېچىپ كەتتى كورىيىلىك دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن جۇڭگولۇق كاپىتان 30 يىللىق كېسىلدى ئۇيغۇرلىرىمىز بەك قالتىسكەن

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ