
ئامېرىكا رادىيو شىركىتى 1-ئاينىڭ9-كۈنىدىكى خەۋىرى:بىر يېشى پەقەت 19كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خايكېر ئۆتكەن ھەپتە ئېنتېرنېت تورىغا نەچچە مىڭ ئىسرائىلىيەلىك كىشلەرنىڭ كرېدىت كارتىسى نومۇرى بىلەن شەخسىي ئۇچۇرىنى چىقىرىۋەتكەن.بۇ خايكېرنىڭ ئىسمى ئۆمەر بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قولىدا 100تۈمەنگە يېقىن ئادەمنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى باركەن، يەنە تېخى يېقىندا بۇلارنى ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىۋىتىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ.خەۋەردە دېيىشىچە، ئۆمەر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەلۇم خايكېر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،بۇ ئۇچۇرلارغا ئېستىمال تورىدىن ئېرىشكەنكەن. ئىسرائىلىيە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش مىنىستىرلىقى بۇنى تور جىنايىتى، سودا توربېكىتىنى ئاساسلىق نىشان قىلغان تور جىنايىتى دەپ ئاتىدى،بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىم ھېسابلىنىدۇ، بۇ قېتىملىق خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمى پەقەت ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقا چەت دۆلەتلەردىكى ئىسرائىلىيە بازىرىدىن نەرسە سېتىۋالغانلارغىمۇ چېتىلغان ھەم شۇلارمۇ بۇ قېتىملۇق تور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە بۇ قېتىملىق زەربىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كەلگەن زىينى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە ئېنتېرنېت تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ يوچۇق بارلىقىنى ئسپاتلاپ بەرگەن.ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ خايكېرلار ھۇجۇمىنى خۇددى تېررورچىلار ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلغاندەك بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئىسرائىلىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى Danny Ayalon:«خايكېرلارنىڭ بىزنىڭ دۆلەت ئېنتېرنېت تورىغا ھۇجۇم قىلىشى خۇددى تېررورچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلغىنى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق»دېدى. |