| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سان فىرانسىسكو 3-يانۋاردىكى تېلېگراممىسى، 3-يانۋار ئامېرىكا گۇگېل شىركىتىنىڭ پۇل خەجلەپ «مەرگەن» ياللاپ بىلوگ يازغۇزۇپ، Chrome تور كۆرگۈسىنى تەشۋىق قىلىپ، گۇگېل ئۆزىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئاشكارىلاندى. ئىزدەش ماتورىنى ئەلالاشتۇرۇش تور بېكىتى SEOBook ئەڭ ئالدى بىلەن خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، توردا «مەزكۇر ماقالىنى گۇگېل تور كۆرگۈسى Chrome قوللىغان» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن بېزەلگەن نەچچە 100 لىگەن ماقالە مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. ئۇ ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمى« گۇگېلنىڭ Chrome تور كۆرگۈسى كىچىك شىركەت ئىگىلىرىنىڭ توردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بەرگەن» دېگەندەك ئىدى. مەخسۇس ئىزدەش ماتورلىرىغا كۆز تىكىلگەن خەۋەرلەرنى «ئىزدەش ماتورى بەلۋېغى» تور بېكىتى ئۇنىڭ كەينىدىن ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم ماقالىلەردە گۇگېلنىڭ تور كۆرگۈسى Chrome نى چۈشۈرۈش بېتىنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى كۆرسىتىلگەنىدى. بۇ خىل چۈشۈرۈش ئادرېسى Chrome نىڭ گۇگېل ئىزدەش نەتىجىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. «ئىزدەش ماتورى بەلۋېغى» مۇنداق كۆرسەتتى:«گۇگېل بىر قىسىم كۆرۈش بېتىدىكى ئۇلىنىش ئادرېسىنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك». 2009-يىلى، گۇگېلنىڭ ياپونىيىدىكى شىركىتى دەل مۇشۇ خىل قىلمىش بىلەن باش ئىشىتابنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، تور بېكەت دەرىجىسى 11 ئاي چۈشۈرۈۋېتىلگەن. گۇگېلنىڭ 3-يانۋاردىكى ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى:«شىركىتىمىز ئەزەلدىن بىر قىسىم ھەقلىق بىلوگ تېمىلىرى ئارقىلىق مەھسۇلاتىمىزنى تەشۋىق قىلىشنى چەكلەپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى Chrome تور كۆرگۈسىنى تەشۋىق قىلىش كەسپىگە مەسئۇل ئېلان شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئەمما «مەرگەن» لەرنى سېتىۋالغان Unruly Media مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«بىز بلوگگېرلارغا Chrome نى چۈشۈرۈش بېتىنىڭ ئادرېسىنى قويغۇزمىدۇق، ئەگەر تورداشلار بۇ خىل ئۇلىنىشنى چەكسە، ئۇ ھالدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ». گۇگېل نۆۋەتتە، ئۆزىنىڭ Chrome بېتىگە قارىتا جازالاش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئېلان قىلمىغان. |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |