1-ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋەردىكى بازار تەتقىقات شېركىتى IDCنىڭ يىڭى تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا 2011-يىلى ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى(ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان )دا PC مال چىقىرىش مىقدارى 100مىليون 190مىڭ دانىگە يىتىپ 2010-يىلىدىكىدىن % 11 ئاشقان .
IDCنىڭ كۆرسىتىشىچە ، 2011-يىلى تۆتىنجى پەسىللىك ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى PC مال چىقىرىش مىقدارى 11% ئاشتى . ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈچىنىش ئۈنۈمى نەچچە يىلدىكىدىن تۆۋەن .لىكىن دۇنيادىكى PC بازىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادى كىرزىسنى نەزەرگە ئىلغان ئاساستا بۇ خىل كۈچىنىش يەنىلا ناھايىتى نورمال . جوڭگو ، ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قاتتىق دىسكا قىس بۇلۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان .
IDC نىڭ ئاۋالقى مەلوماتىدا 2011-يىلى تۆتىنجى پەسىللىك ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى PC مال چىقىرىش مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن % 0.2 تۆۋەنلىدى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى . 2011-يىلى پۈتۈن دۇنيادا PC مال چىقىرىش مىقدارى % 1.6 ئاشقان .
IDC نىڭ مەھسۇلاتلار ۋە ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى PC مال چىقىرىش مىقدارىنى سىتاتىسكا قىلىشىچە لېنوۋو(Association) ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى PC بازىرىدا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن . 2011-يىلىدىكى PC مال چىقىرىش مىقدارى 2010-يىلىدىكىدىن %24 ئارتۇق ئىكەن . ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونى PC بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى 2010-يىلىدىكى % 20.2 تىن% 22.5 كە ئاشقان .
ئەيكېر( Acer) ئىككىنجى ئورۇندا تۇرغان . 2011-يىللىق PC مال چىقىرىش مىقدارى % 38 ئاشقان، بازار سىغىمى% 9.3 تىن% 11.6 كە كۆتىرىلگەن . دېل (Dell)ئۈچىنجى ئورۇندا تۇرغان . 2011-يىللىق PC مال چىقىرىش مىقدارى % 23 ئاشقان،بازار سىغىمى% 9.4 تىن% 10.4 كە كۆتىرىلگەن . HP تۆتىنجى ئورۇندا تۇرغان . 2011-يىللىق PC مال چىقىرىش مىقدارى % 6 كىمەيگەن . بازار سىغىمى% 11.8تىن% 9.9 كە چۈشكەن . ئەسۇس(ASUS) كومپىيوتىرى بەشىنجى ئورۇندا تۇرغان . . 2011-يىللىق PC مال چىقىرىش مىقدارى % 34 ئاشقان . بازار سىغىمى% 5.3 تىن% 6.4 گە كىمەيگەن.باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ -يىللىق PC مال چىقىرىش مىقدارى % 1 كىمەيگەن .بازار سىغىمى% 44 تىن% 39.2 گە كېمەيگەن . |