| نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى |
![]() |
|
|
|
|
| تەۋسىيە مەزمۇنلار |
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. فرانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بېرىقى فرانسىيەدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان ئىجادىيەت دېسكىسى ”سەۋدا“ 2010-يىلى فرانسىيەدە نەشردىن چىقىپ، فرانسىيە مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. ژانى شۇ يىلى شىنجاڭغا قايتىپ، دېسكىسىنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. دېسكا فرانسىيەدە ئىشلەنگىنى ئۈچۈن، ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتىن ئالاھىدە ئەلا ۋە تەننەرخى بىر ئاز يۇقىرى. شۇڭا شۇنچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈرۈمچىدىكى دېسكىخانىلارنىڭ ئەرزان باھادا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فرانسىيەدە ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرىۋەتكەن. يېڭى ناخشىلىرىنى ئۈرۈمچىدە دېسكا شەكلىدە تارقىتىشقا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنى ئۈچۈن، ئىچىدىن تاللاپ، بىر قانچىلىرىنى ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقاتماقچىمىز. ”سەۋدا“ دېسكىسىدا جەمئىي ئون ئىجادى ناخشا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاشىق مىسراسى ئۇنۇتالمىدىم سەۋدا ئەسلەرسەنمۇ مېنى يوق-يوق مۇھەببەت سىرى كۆزلەر-سۆزلەر باھاردا توزىغان چېچەك ئېھتىمال سەن ژانىنىڭ تور يۈزىدىكى مۇزىكا ئامبارلىرىدىكى ئورنىدىن ئۇنىڭ كۆپەيتمە ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايمىز: http://www.myspace.cn/janymusic http://www.myspace.com/janymusique http://www.reverbnation.com/jany فېيىسبۇكتىكى ژانى ناخشىلىرى بېتى: https://www.facebook.com/janymusic ژانى ناخشا كېچىلىكىدىن ئارىيە
http://v.youku.com/v_show/id_XMjg2MDEyMTI0.html
تۈگىدى. تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس ئاسىتغا يازساڭلار دىلنۇر كۆرۈپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەم ژانىغا يەتكۈزىدۇ. ژانىنىڭ ناخشىسىنى ياخشى كۆرگەنلەر دېسكىسىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ. |
|
|
|
|
| پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە |
| تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1 Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ |