نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > مۇلاھىزە > جەمىئەت > ماتىريال مەزمۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئاۋات مەزمۇنلار
يولۋاسنى باشقۇرالمىغان يولۋاس كۆندۈرگۈچى
ئاپتۇر:Admin يوللانغان ۋاقىت:12/02/08 مەنبە: ئاۋاتلىقى:

جۇڭگو خەۋەر تورى شاڭراۋ 7-فېۋرال تېلېگراممىسى سېرك ئۆمىكى كوچىدا ئويۇن قويغاندا، ئۇلارنىڭ يولۋىسى ئويلىمىغان يەردىن يولۋاس كۆندۈرگۈچىنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنماي، توسۇقنى بۆسۈپ چىقىپ ئىككى نەپەر تاماشىبىننى يارىلاندۇرغان.بۇ يولۋاس كۆندۈرگۈچى سەۋەنلىكى ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرىدى. ھەمدە ئۆزىمۇ 3 يىللىق "قەپەس" كە سولاندى.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20 لەر ئەتراپىدا، جىياڭسۇدىكى مەلۇم بىر سېرك ئۆمىكى جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېشىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئويۇن قويغان، سېرك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بوشاڭلىق قىلغان، يولۋاس ئويۇن كۆرسىتىدىغان ۋاقىتتا، يولۋاس كۆندۈرگۈچى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنلىرىگە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئىلىپ بارمىغان، ئويۇن قويۇش رايونى بىلەن تاماشىبىنلار رايونى ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك رايونىغىمۇ قاراشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرمىغان.ئويۇن كۆرسىتىلىۋاتقاندا، يولۋاس توسۇقنى بۇزۇپ، تاماشىبىنلارغا قاراپ ئىتىلىپ، جاڭ پالانى ئاتا-بالىنى چىشلەپ يارىلاندۇرغان.قانۇن دوختۇرى بىمارلارنىڭ يارىسىنى  ب دەرىجىلىك ئېغىر يارا ۋە ئا دەرىجىلىك يېنىك زەخمە دەپ بىكىتكەن.

سوت مەھكىمىسى سوتلاش ئارقىلىق، يولۋاس كۆندۈرگۈچى فەن پالانى ئويۇن قويۇش جەريانىدا، تېگىشلىك بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلماي، يولۋاسنىڭ قەپەستىن ئىتىلىپ چىقىپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى ۋە بىر ئادەمنىڭ يېنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەب بولغان. قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايتى شەكىللىندۇ دەپ قارىغان، ھەمدە فەن پالانىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقى ھەمدە تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلىشى بولغاچقا يېنكلىتىپ جازا ھۆكۈم قىلغان.

  • ئالدىنقى مەزمۇن:كۆپەيتىلگەن پويىز بېلىتى بىلەن پويىزغا چىققۇچى قولغا ئېلىندى
  • كىيىنكى مەزمۇن:بىر ئۆيدىكى ئانا ھەم قىزى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن
  • ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر ھىندىستانلىق ھوللىۋود داڭلىق چولپىنى قەستكە ئۇچرىدى ئامېرىكىدا ھايۋان دادا ئۆز ئوغلىغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋەتكەن 86 ياشلىق تەلۋە بوۋاي ئېتىنى رەھىمسىزلەرچە جازالىدى ئادەم چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خىزمەتلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا 60 نەچچە بىناغا ئوت كەتتى ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشقان خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئايال خىزمەتتىن ھەيدەلدى ئوغرىلىق قىلغان ھامىلىدار ئايالنىڭ كىيىملىرى كېسىۋېتىلدى تىمساھ يۆتكەش جەريانىدا بىر تىمساھ قېچىپ كەتتى كورىيىلىك دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن جۇڭگولۇق كاپىتان 30 يىللىق كېسىلدى ئۇيغۇرلىرىمىز بەك قالتىسكەن

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ