ئايپاك تورىنىڭ يىڭى نۇسخسى ئىلان قىلىندى،يىڭى ئۇسلۇپ ئۆزگىچە راھەت! 2011-يىلى 6-ئايىنىڭ 2كۇنى
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدىبىيات >> ئەدەبىي ئەسەرلەر > ماقالە مەزمۇنى

ئانىسىنى خارلىغان بەش ناماز مۇسۇلمان ( ئەل ئارزۇ )

ۋاقىت:2011-يىل06-ئاينىڭ06-كۇنى مەنبە:ئايپاك تورى ئاپتۇر: ئاتامان ئاۋاتلىقى: قىتىم
- ئەمەت شەيتان بۇرۇنقىدەكلا سەھەر تۇرۇپ ، چالا - بۇلا تاھارەتنى ئېلىپ مەسجىدكە ماڭدى . چۈنكى ، جامائەت ئارىسىدا
  - ئەمەت شەيتان بۇرۇنقىدەكلا سەھەر تۇرۇپ ، چالا - بۇلا تاھارەتنى ئېلىپ   مەسجىدكە ماڭدى . چۈنكى ، جامائەت ئارىسىدا ئۇنىڭ شۇنداق " ئىبادەتكە ئالدىراپ " ھەممىدىن بۇرۇن كېلىشى ماختانغۇدەك ئىش ھەم ئۆزىنىڭ ناھايىتى كامىل مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى .

- ئەمما ئۇنىڭ يالغۇز ئانىسى يەرلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ، تاملىرى سېرىلغان ، چىراقلىرى ئۆچكەن  قاراڭغۇ زەي ئۆيدە مىڭ تەسلىكتە تاھارەت سۈيى تەييارلاپ ، ئۆزىنى بىر ياراتقۇچى تەڭرىگە تاپشۇرغان ھالەتتە جەينىمازغا چىقتى .

- ئەمەت شەيتان دۇئا قىلدى  " خۇدا ....   مىنڭ دۇنيالىرىمنى ئاۋۇتۇپ بەر   "

- ئانا دۇئا قىلدى  " خۇدا ... ئوغلۇمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن  ، تېنىنى سالامەت قىلغان  ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن "



   ...  شۇنداق ئادەملەر باركى ، ھەر بىر قىلغان ئەمەلى رىيا بىلەن ، " ئىسلام ھەم مۇسۇلمان" دىگەن نىمە ئىكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ ئەمما پەتىۋاسى كۆپ .  ئۇلارچە  " ئىمان "  سەللە بىلەن ساقالدا ، ياكى لىچەك بىلەن توندا . ئويلاپ يىتەلمەيسىزكى ساختا مۇسۇلمان ، ئاتالمىش تەقۋالارنىڭ كۆڭلى ئەمەلىيەتتە ئىمانسىزلاردىنمۇ قارا .

  ئەمەت شەيتان دەل شۇنداق ئۆزىگە ئۆزى مۇسۇلمان ، خۇددى شەرىئەت ئەھكاملىرى ئۇنىڭ ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغاندەك ، خالىسا سۆكىدۇ ، خالىسا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قويىدۇ .  ئەمما ، 90 ياشقا ئۇلىشىپ قالغان يالغۇز ئانا  بۇ كامىل ، تەقۋا ، مەسجىدتتىن بېرى كەلمەيدىغان ، جامائەتنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي ماختىلىدىغان ، ھەر يەردە قۇرئان ئايەتلىرىنى پارچە پۇلغا ساتىدىغان ، بىر سائەت قىرائەت قىلىپ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئىمانلىق ئوغۇلنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ .  ھېلىمۇ تەڭرى شۇ ياشتىمۇ بۇ ئانىدىن سالامەتلىكنى ئايىماپتىكەن ، كۆزىنىڭ ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بىچەرە ئانا 90 يېشىدىمۇ تامىقىنى ئۆزى تەييارلاپ يەيدۇ ، كىرلىرىنى ئۆزى يۇيىدۇ ، كۈنلەپ - ئايلاپ بۇ يىگانە ئانىنىڭ ئەتراپىغا بىر قاغىمۇ كەلمەيدۇ .  ئەمەت شەيتان ئۈچۈن ئانىسىنىڭ كۆزى ئۇچۇق ، مىدراپ يۈرگىنىنىڭ ئۆزى چوڭ خاتىرجەملىك ، شۇ كۇپايە . ئەمما ئاننىڭ نىمە يىگۈسى  نىمە قىلغۇسى  قەيەرلەرگە بارغۇسى  نىمىلەرنى دىگۈسى ... بارلىقى بىلەن ھىچ بىرىنىڭ پەرۋايىغا كەلمەيدۇ  .  نۇرغۇن كىچىلەر ئانا جەينىماز ئۈستىدە قان - ياش تۆكۈپ ئاللادىن ئۆزىنى بالدۇرراق بۇ غېرىبچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېتىشىنى تىلىدى . بىچارە ئانا بەزىدە مەھەللە ئالدىدا ئويناۋاتقان كىچىك بالىلار بىلەن بىر ئاز بولسىمۇ مۇڭدىشۋالاتتى .



- مانا ، ئۇ قانداق مۇسۇلمان ؟    ئاللاھ كىتابىدا بىزگە نىمىلەرنى دىدى ؟  بىز نىمە قىلدۇق ھەم نىمىلەرنى قىلىۋاتىمىز ؟ بىزگە ھەركىم ئۆز خايىشى بويىچە قائىدە - تۈزۈم بىكىتىش ، شەرىئەتتە ئۆزىمىزگە مەنپەتى بولسا قۇبۇل قىلىش ، بولمىسا ئۆز ئالدىمىزغا ئۆزگەرتىۋېلىش ھوقوقى بېرىلگەنمىدى ؟  سىز ئىسلامنى زادى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟  ئورۇنۇپ يۈرۈپ پاھىشلىق قىلىۋاتقان ، بەش ناماز ، سۇبھاناللا دەپ تۇرۇپ زىناخورلۇق قېلىۋاتقان ، قېرىندىشىنى سېتىۋاتقان ، ئۆزىچە قىلغان ئانچىكى ئەمەلىدىن مەغرۇرلىنىپ كۆرگەنلىكى ئادەمنى سۆكىۋاتقان  ، ئوخشاش بىر قۇرئاننى ئوقۇپ كۈرمىڭ ياڭزا پەتۋا تېپىۋاتقان ، جامائەتنى كۆرسە مۆئىمىن  ئەمما  كەچلىك بازاردا ، رەڭلىك سورۇنلاردا ، ھەشەمەت تويلاردا ئىچىۋاتقان ....  " مۇسۇلمان " لارنى قانداق چۈشەندۇرىسىز ؟  ئاتا - ئانىڭىزنىڭ رازىلىقى  بولمىسا مەيلى سىز باشقا ھەرقانداق ئەمەلنى ۋايىغا يەتكۈزۋىتىڭ سىزنىڭ بارار جايىڭىز جەھەننەم خالاس .  " ئەلقەمە " نىڭ ھىكايىسى دەل بۇنىڭ دەلىلى .



   (  ھەركىمنىڭ ئەمەلى ئۆزى ئۈچۈن ، قايسىسى ھەقىقىي ياخشى ئەمەل  قايسىسى شەكىلۋازلىق بىلگۈچى ئاللاھتۇر ، بىز ئاددىي كۆزىمىز بىلەن ھەربىر ئادەمنىڭ نىيىتىنى ، ئىچى - تېشىنى بىلىپ بولالمايمىز .  شۇڭا ، باشقىلارنى باھالاپ ، باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ ، بەلكىم باشقىلار سىزنىڭ رىيا بىلەن ئوقۇغان بىر ۋاق نامىزىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ساۋابى كۆپ بىر ياخشى ئىش قىلىۋاتقاندۇ ؛ ئىمتىھاننى سىز ياكى مەن ئەمەس ، ياراتقۇچى ئۆزى ئالىدۇ ؛ )

      ئەمەت شەيتان بىر كۈنى ئانىسىنى ئىزدەپ كەلدى ، ئاشۇ ئۆرۈلۈپ كېتەي دىگەن ئۆينىڭ يەر ھوقوقىغا ئىگە بولغىلى ، قولىدىكى نىمىلەردۇر يېزىلغان ئىككى ۋاراق ئىش قەغىزىگە ئانىغا بارماق باستۇرغىلى .  ئانا ئوغلىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىدى ، ئەمما ئوغلۇم ئاخىرى مىنى كۆرگىلى كەلدى دەپ خۇشاللىقىدىن كۆزىگە ياش ئالدى ۋە چاي تەييارلاشقا ماڭدى ~~~
يۇقۇردىكى ماقالگە نىسبەتەن چىراي ئىپادسىنى بىلدۇرۇڭ:

جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:

ئىنكاس سانى پارچەبارلىق ئىنكاس