ئايپاك تورىنىڭ يىڭى نۇسخسى ئىلان قىلىندى،يىڭى ئۇسلۇپ ئۆزگىچە راھەت! 2011-يىلى 6-ئايىنىڭ 2كۇنى
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >> شىنجاڭ > ماقالە مەزمۇنى

شىنجاڭدا سىملىق تېلىۋىزىيە ھەق ئېلىشى يىڭى ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ

ۋاقىت:2011-يىل12-ئاينىڭ31-كۇنى مەنبە:ئايپاك تورى ئاپتۇر: ئاتامان ئاۋاتلىقى: قىتىم
شىنجاڭ تورى خەۋىرى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيى
 

شىنجاڭ تورى خەۋىرى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈش ،ئاسراش ھەققىنى يىغىش يىڭى ئۆلچىمىنىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشىنى تەستىقلىغان.

ئىگىلىنىشىچە،ئاپتونوم رايونىمىز  سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئاساسىي كۆرۈش،ئاسراش ھەققىنى ئېلىش يېڭى ئۆلچىمى توغرىسىدا 2006-يىلى يىل ئاخىردا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرغان،ئاپتونوم رايونلۇق مال باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى 2007يىلى ۋە 2009-يىلى يىڭى ئۆلچەم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بولغان،لېكىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ بەش يىل كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇشنى بېكىتكەن،بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە يىڭى ئۆلچەمنى يولغا قويۇشتا ھەممىنىڭ كەينىدە قالغان .

يىڭى ھەق ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بېكىتىلگەن:ئۈرۈمچى ۋە سانجى رايونلىرىدا ئايلىقى 25 يۈەن،باشقا ھەرقايسى ئوبلاستقا قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردە ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن24 يۈەن،خوتەن شەھىرى،ئاتۇش شەھىرى،ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن 20 يۈەن،دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىلەر،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن 15 يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن.

بۇندىن باشقا ھەربىيلەر(ئائىلە تاۋاباتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ئىناۋەتلىك كۈچكە ئىگە بولغان گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ھەق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىنىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.سىملىق،رەقەملىك تېلېۋىزىيىسى نام ئالماشتۇرۇش،توختىتىپ قويۇش قاتارلىق رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

يۇقۇردىكى ماقالگە نىسبەتەن چىراي ئىپادسىنى بىلدۇرۇڭ:

جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:

ئىنكاس سانى پارچەبارلىق ئىنكاس
يىڭى مەزمۇنلار
شىيامېن تورى خەۋىرى:ئېرىنىڭ دائىم ئۆيگە كېچ...[تەپسىلى مەزمۇنى]
18ياشلىق قىران يىگىت چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ...[تەپسىلى مەزمۇنى]
«ياڭزى كەچلىك گېزىتى »خەۋىرى:تۈنۈگۈن چۈشتىن ...[تەپسىلى مەزمۇنى]
شىنجاڭ تورى خەۋىرى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ر...[تەپسىلى مەزمۇنى]
ياپۇنيەنىڭ ‹ئەتىكى قۇياش خەۋرى›دە 12-ئاينىڭ2...[تەپسىلى مەزمۇنى]
پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدى...[تەپسىلى مەزمۇنى]
شىنجاڭ ساقچى تەرەپ ئېتىۋەتكەن 7نەپەر تېرورچ...[تەپسىلى مەزمۇنى]
 چاچ چۈشۈش ئاساسلىقى چاچ يىلتىزىنىڭ قان ھەم...[تەپسىلى مەزمۇنى]