شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا 3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى

بېيجىڭ ۋاقتى 28-دېكابىر، 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمىسىنىڭ 17-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 92-115 نەتىجە بىلەن فۇجىيەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان بولدى.
شىنجاڭ كوماندىسى تەرەپتىن چەتئەللىك ماھىر مىللىس يارىلانغانلىقى سەۋەبلىك داۋاملىق مۇسابىقىگە چۈشەلمىدى، شۈگوشىياڭ 46 نومۇر ئېلىپ، جۇڭگۇلۇق توپچىلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئالغان 40 نومۇر رېكورتىنى يېڭىلىدى، تاڭجىڭدۇڭ 16 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپ ئالدى قالغان توپچىلارنىڭ نومۇرى قوش خانىلىق سانغا يەتمىدى، باتۇر 2 نومۇر ئالغان بىلەن 8 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 5 ياردەمچى پاس بەردى. شىنجاڭ كوماندىسى يېقىندىلا سپۇرۇس كوماندىسىدىكى گانى لاۋال بىلەن توختام تۈزگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مارتىن قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تولدۇرماقچى، بىراق بۇ يېڭى ماھىر بۇ قېتىملىق فۇجىيەن بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا پۈتۈنلەي جۇڭگۇلۇق ماھىرلار سەپ شەكلى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇب بولغان ۋاقتى 5 يىلىنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم يۈز بەرگەن.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فۇجىيەن كوماندىسى ساھىبخان كوماندا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالدى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلار تىرىشىپ يۈرۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىراق فۇجىيەن كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ بېسىمى بىلەن تۇنجى چارەكتە 20-32 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى؛ 2-چارەك مۇسابىقىدە 40-55 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى؛ 3-چارەكتە 66-87 بولۇپ 21 نومۇر ئارقىدا قالدى؛ ئەڭ ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە فۇجىيەن كوماندىسى داۋاملىق 3 چەتئەللىك ماھىرنى مەيدانغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق مۇسابىقە نەتىجىسىنى كېڭەيتتى، نەتىجىدە پۈتۈن مەيداندىكى مۇسابىقە 115-92 بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 22 نومۇر ئارقىدا قىلىپ ئۇتتۇرۇپ قويدى.
- ·تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى 2011-12-29
- ·قاپلان 2011-12-29
- ·دىل يۈرەك 2011-12-29
- ·تۈركىيە پالۋىنى2011-12-29
- ·ھۆرلۈك 2011-12-29
- ·كۈتۈش 2011-12-29
- ·ساراڭلار قىمارخانىسى 2011-12-29
- ·دادىنىڭ قىساس ئېلىشى 2011-12-29
- ·تۇتاش قەلىپ 2011-12-29
- ·سىزنىڭ مىكروبىلوگىڭىز پۇل تاپتىمۇ؟2011-12-29
جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:
- جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەر
- ئانىسىنى خارلىغان بەش ناماز مۇسۇلمان (
- خوتۇنىڭىزدىكى بېشارەتلەر
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلار خەلقئارادا تەسىر ق
- 2 ياشلىق بالا قايناق سۇ چېلىكىگە چۈشۈپ
- ئەركىلەشمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى
- 11 ياشلىق قىزغا 18 يىل زوراۋانلىق قىلغان
- كونگودا بىر ئايدا 428 قېتىم باسقۇنچىلىق
- كىچىك قىزلارغا توردا پەسكەشلىك قىلغان
- ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چىرايلىق يېنىك ئاتلېت



