ئايپاك تورىنىڭ يىڭى نۇسخسى ئىلان قىلىندى،يىڭى ئۇسلۇپ ئۆزگىچە راھەت! 2011-يىلى 6-ئايىنىڭ 2كۇنى
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >> تەنتەربىيە > ماقالە مەزمۇنى

9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى گۈيياڭدا ئېچىلىدۇ

ۋاقىت:2011-يىل06-ئاينىڭ04-كۇنى مەنبە:نۇر ئاپتۇر: ئاتامان ئاۋاتلىقى: قىتىم
9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بەلگىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى
 



 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بەلگىسى

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، گۈيجۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تەنھەرىكەت يىغىنى، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە گۈيياڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«ئىناق جۇڭخۇا، رەڭدار گۈيياڭ» ئاساسىي تىما قىلىنغان 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تەنھەرىكەت يىغىنى بولسا گۈيجۇ ئۆلكىسى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى مەمىلىكەت خەرەكتىرلىك ئونۋېرىسال تەنتەربىيە يىغىنى بولۇپ، مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە شەھەر، ئاپتونۇم رايۇن ۋە ئازاتلىق ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق 33 ئورۇن بۇ چوڭ مەرىكىگە قاتنىشىدىكەن.
گۈيجۇ ئۆلكىلىك كومىتېت، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولۇپ، ئۆلكە باشلىقى تاييارلىق خىزمەتلەرگە باش بولغان. نۆۋەتتە بىرىنچى قېتىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، 8000 غا يېقىن تەنھەىكەتچى تىزىملاتقان، ترېنېرلار 16 مۇسابىقە تۈرى، 180 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىگە تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى قېتىمقىلاردىن ئېشىپ كېتىشى مومكىن ئىكەن. ئېچىلىش مۇراسىمى، ۋە يېپىلىش مۇراسىمى رېپېتىتسىيەسى باشلىنىپ بولغان.
توردا تىزىملاتقان پىدائىيلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. يىغىننىڭ گىرىبى، قۇت بەلگىسى ۋە ناخشىلىرىمۇ بەلگىلىنىپ بولۇنغان .

يۇقۇردىكى ماقالگە نىسبەتەن چىراي ئىپادسىنى بىلدۇرۇڭ:

جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:

ئىنكاس سانى پارچەبارلىق ئىنكاس