ئايپاك تورىنىڭ يىڭى نۇسخسى ئىلان قىلىندى،يىڭى ئۇسلۇپ ئۆزگىچە راھەت! 2011-يىلى 6-ئايىنىڭ 2كۇنى
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >> پەن -تېخنىكا > ماقالە مەزمۇنى

2011-يىلى8-ئايدىن12-ئايغىچە بولغان ئىقتىسادىي چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

ۋاقىت:2011-يىل12-ئاينىڭ29-كۇنى مەنبە:ئايپاك تورى ئاپتۇر: ئاتامان ئاۋاتلىقى: قىتىم
8-ئايدا: ئامېرىكا پارلامېنتى بىر تۈرلۈك يېڭى قەرز ئەڭ يۇقىرى چەك كېلىشىمىنى ماقۇللىدى،ئەمما زۇڭتۇڭ ئوبامانى
  8-ئايدا:
   ئامېرىكا پارلامېنتى بىر تۈرلۈك يېڭى قەرز ئەڭ يۇقىرى چەك كېلىشىمىنى ماقۇللىدى،ئەمما زۇڭتۇڭ ئوبامانى ھەيران قالدۇرشىنى شۇ بولدۇكى،ئۆلچەملىك پويىر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ AAA ئىناۋەتلىك دەرىجىسىنى AA+ دەرىجىسىگە تۆۋەنلىتىۋەتتى.ئۆلچەملىك پويىر شىركىتى ئامېرىكىنىڭ قىزىل رەقەمنى ئازايتىش پىلان سالمىقى بەك كىچىك،-دەپ قارىدى.
   شىۋېتسارىيە تەدبىر قوللىنىپ،شىۋېتسارىيە فىرانىك پۇل قىممىتىنى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى باھالاش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇردى
   9-ئايدا:
   گەرچە 7-ئايدا ئالاقىدار ياۋرو مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما دۇنياسىكى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇلارنىڭ ياۋرونى راست قۇتقۇزغانلىقىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدى.دۇنيادىكى ئاساسلىق مەركىزى بانكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا زور مىقدارغا ئامېرىكا دوللىرى كىرگۈزۈشنى ئويلاشتى.
   10-ئايدا:
   موكىر ۋە ساركۇزى فرانكىفورددا جىددىي سۆزلىشىش ئۆتكۈزۇپ بىر تۈرلۈك ياۋرو رايۇنىنى قۇتقۇزۇش كېلىشىمنامىسىغا قاراپ چىقتى.
  ياۋروپا قىتئەسى پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنى خىراجەت قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى چېكىنى تەخمىنەن 1 تىرلىيۇن ياۋروغا كۆتۇرگەندىن كېيىن ،ياۋروپا قىتئەسى باشلىقلىرى غەلبە قىلغانلىقىنى قايتا جاكارلىدى.
   11-ئايدا:
   ياۋرو رايۇنى 10-ئايدا ئېرىشكەن ياۋروپا قىتئەسى پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنىنىڭ خىراجەت قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى چېكىنى تەخمىنەن 1 تىرلىيۇن ياۋروغا كۆتۇرگەنلىك غەلبىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۈچرىدى.موكىر ۋە ساركۈزىنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتتى،چۈنكى گىرىتسىيەنىڭ زۇڭلىسى پاپاندىرو ئالاقىدار كېلىشىملارغا قارىتا ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى.ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن بېسىم ئاستىدا پاپاندىرومۇ غۇلاپ چۈشتى،ئۇ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.
   ئىتالىيە دۆلەت قەرزىنىڭ تاپاۋىتى نىسپىتى 7 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى.ئىتالىيە زۇڭلىدى بېلۇسكېنىمۇ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى  ئوتتۇرغا قويدى.
   12-ئايدا:
   بېيجىڭ ئامېرىكىدىن ئېمپورت قىلىدىغان كىچىك ماشىنىدىن ئېلىنىدىغان باج سوممىسىنى ئۆرلەتتى،ئامېرىكا جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا سودا مەسىلىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىددىي ۋەزىيىتى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى.ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى <<مالىيە شەرتنامىسى>> دا بىرلىككە كەلدى.لېكىن كامىرۇن بۇندىن ئىلگىرى بۇ شەرتنامىگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
   يىل ئاخىرىدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى <<يېڭى يىللىق ھال سوراش>> قارارىنى چىقاردى،لېدىر راجاد ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:نۆۋەتتە دۇنيادا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئېغىر خېيىم-خەتەر ساقلانماقتا.
يۇقۇردىكى ماقالگە نىسبەتەن چىراي ئىپادسىنى بىلدۇرۇڭ:

جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:

ئىنكاس سانى پارچەبارلىق ئىنكاس