ئايپاك تورىنىڭ يىڭى نۇسخسى ئىلان قىلىندى،يىڭى ئۇسلۇپ ئۆزگىچە راھەت! 2011-يىلى 6-ئايىنىڭ 2كۇنى
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >> پەن -تېخنىكا > ماقالە مەزمۇنى

Windows 8 قوزغىلىشىغا پەقەت 6 سېكۇنت

ۋاقىت:2011-يىل06-ئاينىڭ07-كۇنى مەنبە:ئايپاك تورى ئاپتۇر: ئاتامان ئاۋاتلىقى: قىتىم
Windows 8 قوزغىلىشىغا پەقەت 6 سېكۇنت كېتىدىكەن cnbeta تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، بىز Windows 8 نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش

 Windows 8 قوزغىلىشىغا پەقەت 6 سېكۇنت كېتىدىكەن

cnbeta تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، بىز Windows 8 نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە يېڭى ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى ئۇنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىدۇر. Windows 8 لايىھىسىنى باشلىغان ۋاقىتتىلا، سىستېمىنىڭ تېخىمۇ قىسقا ۋاقىتتا قوزغىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مۇھىم نىشان قىلىنغانىدى. D9 ۋە Computex يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 8 نى كۆرگەزمە قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانىدى.
Windows ستراتىگىيەسى ۋە قاتتىق دېتال سىتراتىگىيەسىگە مەسئۇل مىكروسوفتنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى Michael Angiulo نىڭ دېيىشىچە، Windows 8 ئابونتلىرى مەزكۇر سىستېمىنى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدىكەن. شۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە UEFI ۋە مۇقىم قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا پەقەت 6 سېكۇنتلا كەتكەن.
UEFI بولسا «بىرلىككە كەلگەن، كېڭەيتكىلى بولىدىغان مۇقىم ئۇلاش ئېغىزى» (Unified Extensible Firmware Interface) نىڭ قىسقارتىلما نامىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاساسلىقى بىر تۈركۈم مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش (يەنى قوزغىتىش) تىن بۇرۇن بارلىق سۇپىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەمىن ئېتىدىغان، قوزغىتىلغان مۇلازىمەتنى توغرا بەلگىلەپ بېرىدىغان ھەمدە BIOS نىڭ ۋارىسى ئىكەن.
Computex 2011 دا، Insyde تەتقىق قىلغان UEFI BIOS لايىھىسى InsydeH2O نىڭ Windows 8 نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. Insyde مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«بۇندىن بۇرۇنقى قىياسلارغا ئاساسلانغاندا، ئوخشاش بىر سۇپىدا، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 7 قا قارىغاندا تېز قوزغىلىپلا قالماستىن، يەنە BIOS نىڭ قوزغىلىشقا كېتىدىغان %40 ۋاقتىنى تېجەپ قالىدۇ».
ئەمما، مىكروسوفت بۇندىن بۇرۇن  Windows 8 نىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن 6 سېكۇنتنىڭ كېتىشىنى ھەرگىز ئۆلچەم قىلىۋالمىغانىدى.

يۇقۇردىكى ماقالگە نىسبەتەن چىراي ئىپادسىنى بىلدۇرۇڭ:

جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:

ئىنكاس سانى پارچەبارلىق ئىنكاس