نىجاد: بىن لادېن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى 16-ماي تېلگېراممىسى: ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەد نىجاد شۇ جاي ۋاقتى 15-ماي دېيىشىچە، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى بىن لادېن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئەسلەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان ئىكەن. ئۇ يەنە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما «سىياسىي سەۋەب» بىلەن بىن لادېننى ئۆلتۈردى، دەپ كۆرسەتتى.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجاد ئىران دۆلەتلىك تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئېرىشكەن بىن لادېننىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇردا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى قولغا ئالغان، ھەمدە ئۇنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېدى.
نىجادنىڭ دېيىشىچە، لادېننىڭ ئۆلۈمى ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتىدە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ــــ ئوباما بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئويىدا بولغان.
بۇ ئىران زۇڭتۇڭى يەنە تولۇقلاپ ، مۇددىئانىڭ تۈپەيلىدىن «ئامېرىكا بۈگۈنكىدەك بىن لادېننىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئادەم ئىزدەۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇ مەقسەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىلگىرى يەنىلا مۇشۇنداق قىلىدۇ». دېدى.
ئىران يېرىم ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجاد 15-ماي تېھران ئۇچرىشىشىغا قاتىنىشىپ «ئادىل، تىنچ، تېرورلۇق قارشى دۇنيا ئىتتىپاقى خەلقئارا يىغىنى» غا قاتناشقان مېھمانلارغىمۇ ئوخشاش بايان قىلدى.
نىجاد يەنە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇش بىن لادېننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېرورچىلارغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، ئافغانىستان ۋە ئىراققا باستۇرۇپ كىرىش بويرۇقىنى چۈشۈرگەن. بۇشنىڭ بۇنداق قىلشتىكى مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش، ھەمدە سايلام رىقابىتىدە ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى، دېدى.
ئىران خەلقئارا رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىران ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلى لارجانىمۇ بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىگە بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇ بىر مۇخبىرنى كۈتۈۋالغان ۋاقىتتا بىلدۈرۈپ، بىن لادېننىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ چىگىش ئىكەنلىكىنى، ھەمدە مەسىلىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.
لارجانى: «بىز بىن لادېننىڭ سوت قىلىنىشىنى، بەزى ئىشلارنىڭ ئېنىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. ئۇنىڭ يەنە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادېننى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، يەنە كېلىپ بىر خىل «تېرورلۇق قىلمىشى» دېدى.
- ·ئافغانىستاندا نامايىش زوراۋانلىق توقۇنۇشقا2011-05-20
- ·برازىلىيەدىكى تەنتەربىيە مەيدانى ئۆرۈلۈپ 8 2011-05-20
- ·بىن لادېننى يوقىتىش ھەرىكىتىدىكى غالىبىيەت2011-05-20
- ·كۇۋەيت پارلامېنت ئەزالىرى يىغىندا سوقۇشۇپ ك2011-05-20
- ·ئوباما سايلامدا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇش ئىسپاتى بېس2011-05-20
- ·مىكسىكىدىكى تۈرمىدە قالايمىقانچىلىك كۆتۈرۈ2011-05-20
- ·ئوباما سۇرىيەنىڭ زۇڭتۇڭ قاتارلىق چوڭ ئەمەلد2011-05-20
- ·ئىراقتا يول بويىغا بومبا قۇيۇپ پارتىلىتىش ۋ2011-05-16
- ·نىجاد: بىن لادېن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئ2011-05-16
- ·خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لېدىرى «جىن2011-05-16
جەمئىي ئادەم ئىپادە بىلدۇردى:
- جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت پەرھىزلەر
- ئانىسىنى خارلىغان بەش ناماز مۇسۇلمان (
- خوتۇنىڭىزدىكى بېشارەتلەر
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلار خەلقئارادا تەسىر ق
- 2 ياشلىق بالا قايناق سۇ چېلىكىگە چۈشۈپ
- ئەركىلەشمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى
- 11 ياشلىق قىزغا 18 يىل زوراۋانلىق قىلغان
- كونگودا بىر ئايدا 428 قېتىم باسقۇنچىلىق
- كىچىك قىزلارغا توردا پەسكەشلىك قىلغان
- ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چىرايلىق يېنىك ئاتلېت



