نادىر يانفۇن مۇزىكلىرى  
totnetcms
 
g
ئايپاك توربىكتى > ئەدىبىيات > ئەدىبىي ئەسەرلەر > ماتىريال مەزمۇنى
قورساق ئاچقاندا يىيىشكە بولمايدىغان 11 يىمەكلىك
ئاپتۇر:پەرىدە يوللانغان ۋاقىت:12/01/07 مەنبە: news.xinhuanet.com ئاۋاتلىقى:


1. ئاق تاتلىق ياڭيۇ . ئاق تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە تاننىن ۋە يېلىم بولۇپ ، ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ   تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كېسلاتاسى چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ ، مەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ .


2. ئەبنۇس . ئەبنۇسنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا پېكتىن ، تانزا بولۇپ ، بۇ ماددىلار بىلەن ئاشقازان كېسلاتاسى خېمىيىلىك رىئەكسىيىەلىشىپ ، تەستە ئېرىيدىغان گېلنى ھاسىل قىلىپ ، ئاشقازاندا ئاسان تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ .


3. سۈت . سۈتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپ ، ئاچ قوساققا ئىچكەندە ، ئاقسىل مەجبۇرى ھالدا ئىسسىقلىققا ئايلىنىپ كىتىدۇ - دە ، قۇۋەت تولۇقلىيالمايدۇ . توغرا ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى ،سۈتنى پىرەنىك قاتارلىق ئۇن يىمەكلىك بىلەن ئىچىش كېرەك ياكى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كىيىن ۋە ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىش لازىم .


4. كەمپۈت . كەمپۈت بىر خىل ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان يىمەكلىك بولۇپ ، ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا كەمپۈت يىگەندە ، ئادەم بەدىنى قىسقا ۋاقىتتا يىتەرلىك ئىسۇلىن چىقىرالماي قالىدۇ - دە ، قان شىكىرىنىڭ نورمال قىممىتىنى ساقلىيالماي ، قاندىكى ئىنسۇلىن بىردىنلا ئۆرلەپ ، ئاسان كۆز كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەمدە كەمپۈت كىسلاتالىق يىمەكلىك بولۇپ ، ئاچ قورساققا كەمپۈت يىگەندە ، بەدەندىكى كىسلاتا ئىشقار
ۋە مىكېرو ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ ، سالامەتلىككە زىيانلىق .


5. سوغۇق ئىچىملىك . ئاچ قورساققا ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى غىدىقلاپ ، ئۇزاق داۋاملاشسا ھەر خىل ئېنزىمنىڭ خىمىيلىك رىئاكسىيىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ ، ئاشقازان كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  يەنە  ئاياللارنىڭ ئادەت كەلگەن ۋاقىتتا ئادەت قالايمىقان كىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


6. ئاپېلىسىن . ئاپېلىسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا ، مىۋە كىسلاتاسى ، دولانە كىسلاتاسى ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ ، ئاچ قورساققا يىگەندە ، ئاشقازاندىكى كىسلاتانىڭ كۆپ مىقداردا ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىنى غىدىقلاپ ، ئاشقازان كۆپۈش ، كېكىرىش ۋە كىسلاتالىق سۇ ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


7. دۇلانە . دۇلانىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا ، مىۋە كىسلاتاسى ، دۇلانە كىسلاتاسى  بولۇپ ،  ئاچ قورساققا يىگەندە ،  ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


8. قېتىق . بۇنى ئاچ قورساققا يىگەندە ، قېتىقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش رولى ئاجىزلاپ ، تاماق يەپ ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يىگەندە ، ھەم تەملىك ھەم ساقلىقنى ساقلاش رولى تولۇقلىنىپ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .


. بانان . بانان تەركىبىدە ئاز مىقداردا ماگېنې ئېلېمېنىتى بولۇپ ، ئاچ قورساققا يىگەندە ، بەدەندىكى ماگېنىېنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ ، قاندىكى ماگېنې ۋە كالىتسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقنى بۇزۇپ ، قان تومۇرنىڭ تورمۇزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


10. پۇرچاق سۈتى . پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل  بولۇپ ، ئاقسىل مەجبۇرى ھالدا ئىسسىقلىق ئىنېرگىيىگە ئايلىنىپ كىتىپ ، قۇۋەت رولىن جارى قىلدۇراللمايدۇ . توغرا ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى ،پىرەنىك بولكا قاتارلىق ئۇن يىمەكلىك بىلەن ئىچىش كېرەك ياكى تاماق يەپ ئىككى سائەتتىن كىيىن ۋە ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىش لازىم .


11. پەمىدۇر . پەمىدۇر تەركىبىدە ئاز مىقداردا پېكتىن ، تاننىن كىسلاتاسى بولۇپ ، بۇ ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن خىمىيلىك رىئاكسىيىلىشىپ ، تەستە ئېرىيدىغان گېلنى ھاسىل قىلىپ ، ئاشقازاندا ئاسان تاش پەيدا قىلىدۇ .
  • ئالدىنقى مەزمۇن:چەت ئەللىك يەتتە مەشھۇر زاتنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۆھپىسى
  • كىيىنكى مەزمۇن:قىشتا كۈتۈنۈش ئۈچۈن قانداق كۆكتالارنى يىيىش كېرەك
  • ئادەم بەدىنىدىكى ئېچىلمىغان ئون چوڭ سىر ھىندىستانلىق ھوللىۋود داڭلىق چولپىنى قەستكە ئۇچرىدى ئامېرىكىدا ھايۋان دادا ئۆز ئوغلىغا ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇرۇۋەتكەن 86 ياشلىق تەلۋە بوۋاي ئېتىنى رەھىمسىزلەرچە جازالىدى ئادەم چۈشىدىمۇ ئېرىشىشنى ئويلايدىغان خىزمەتلەر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا 60 نەچچە بىناغا ئوت كەتتى ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى %50 كە يېقىنلاشقان خوجايىنىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئايال خىزمەتتىن ھەيدەلدى ئوغرىلىق قىلغان ھامىلىدار ئايالنىڭ كىيىملىرى كېسىۋېتىلدى تىمساھ يۆتكەش جەريانىدا بىر تىمساھ قېچىپ كەتتى كورىيىلىك دېڭىز ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن جۇڭگولۇق كاپىتان 30 يىللىق كېسىلدى ئۇيغۇرلىرىمىز بەك قالتىسكەن

    مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
    پىكىر-تەكلىپ مەزمۇن يوللاڭ بىز ھەققىدە
    تىلىفۇن نۇمۇرى:13657500656 | مۇلازىمەت QQ نۇمۇرى:508925513 | Email:rozi24@126.com | 新ICP备10003357号-1
    Copyright © AYPAK.com All Rights Reserved. نەشىر ھوقوقى ئايپاك تورىغا مەنسۇپ