
كورىيە كىنو چولپىنى ـــــ پېي يوڭجۈن
كورىيىلىك كىنو چولپانى پېي يوڭجۈن 5 يىلدا خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 320مىليون يۈەن كىرىم قىلغان
جۇڭشىن تورى 24-ئىيون تېلىگىراممىسى:تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارغاندا كورىيىلىك ئەر چولپان پېي يوڭجۈن بۇلتۇر سوتقا ئەرز سۇنۇپ 2008-يىلى كورىيە دۆلەتلىك باج نازارىتى تۆلىتۋالغان 2مىليارد ۋون(خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 12 مىليون يۈەن) تاپاۋەت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى دەۋا قىلغان.شۈييۈەن يەرلىك سوتى 22-ئىيون پېي يۇڭجۈننىڭ دەۋادا ئوتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ھۈكۈم قىلغان. بۇنىڭلىق بىلەن پېي يوڭجۈننىڭ 2003-يىلدىن2008-يىلغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا تاپقان 53مىليارد670مىليون ۋون (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 320مىليون يۈەن) كىرىمى جامائەتچىلككە ئاشكارلىنىپ كەتكەن.
سوتنىڭ ھۈكۈمنامىسىدە پېي يوڭجۈننىڭ دەۋادا يىڭىلىپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇندا ق دىيىلگەن:ئېلان ،تىلۋىزىيە،كىنو قاتارلىقلارنى سۆرەتكە ئالغىچە قىلىنغان چىقملارنىڭ كۆپ قىسمىنى مەسئول بولغان ئېلان ،تىلۋىزيە،كىنو شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ئىكەن.سوتنىڭ قارىشىچە پېي يوڭجۈن ھىچقانداق چىقىم قىلمىغان بولۇپ ،تاپاۋەت بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى ئورۇنلۇق ئىكەن.
پېيي يوڭجۈن تۇرىدىغانKeyeastكۆڭۈل ئىچىش شېركىتى بولسا داۋاملىق يۇقۇرغا ئەرز سۇنىدىغان سۇنمايدىغانلىقىنى قانون مەسلىھەتچىسى بىلەن كېڭەشكەندىن كىيىن بىكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. |